ئازەربەيجان مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

ئاۋغۇست ئېيى ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان ئىدى. ۋەقە ئازەربەيجاندىكى مەتبۇئاتلاردىمۇ كەڭ كۆلەمدە يەر ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.12
turkistan-geziti-305.jpg ﺋﺎﺯﻩﺭﺑﻪﻳﺠﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔ 30 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ " ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻨﯩﯔ ﺳﺎﻫﯩﭙﺨﺎﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺗﯘﺭﻣﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ" ﻣﺎﯞﺯﯗﻟﯘﻕ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

 بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئازەربەيجاندىكى تۈركىستان گېزىتىنىڭ 30 - ئاۋغۇست كۈنىدىكى سانىدا " ئولىمپىكنىڭ ساھىپخانى خىتاي ئۇيغۇرلارغا تۇرمە بولدى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ تېمىنىڭ ئاستىدىكى كىچىك تېما بولسا، "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ھەر كۈن ۋەھشىلىك قىلماقتا، دۇنيا بولسا ئۇن - تۈنسىز تۇرماقتا". بۇ ماقالە ئۇزۇن بىر ماقالە بولۇپ، باكۇدا نەشر قىلىنىۋاتقان تۈركىستان گېزىتىدە چاتما ماقالە شەكلىدە ئېلان قىلىنغان.

ماقالە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: "    تۈركىي مىللەتلەر بىر ‏ - بىرلەپ مۇستەقىل بولغان كۈنىمىزدە ئۆز ۋەتىنى تۈركىستاندا بىر مۇسۇلمان تۈركىي مىللەت قىزىل خىتاينىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشىماقتا. بۇلار ئۇيغۇرلار. ھە شۇنداق! خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىيلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇلار پەقەتلا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەت بولغاچقا قەتلى قىلىنىۋاتىدۇ. مانا بۇ بىز ئۇنۇتقان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان.
 
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ماقالىدە، "شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندا قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىقتىسادىي بېسىم، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلمى، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىك" دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار ئاستىدا ئەتراپلىق ئاڭلىتىلغان."
 
تۈركىستان گېزىتى باش تەھرىرى ئاقىل جامال ئەپەندى، بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئازەربەيجانلىقلارنىڭ گېزىتخانىغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىگەنلىكىنى ئېيتتى. بىز بۇ ماقالە ۋە ئاۋغۇست ئېيى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈركىستان گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى ئاقىل جامال ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ دېگىنىدەك تېررور ھەرىكىتى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ھۆرمەتلىك ئاقىل جامال ئەپەندى تۈركىستان گېزىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمە خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: "تۈركىستان گېزىتى 2 يىلدىن بېرى نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. ئىككى يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نېمە خەۋەر تاپساق ئېلان قىلىشقا تىرىشتۇق. يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خەۋەرلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ يىل ئىچىدە ئەزەربەيجانلىق كارخانىچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرى ھەققىدە بىر قانچە قېتىم خەۋەر ئېلان قىلدۇق. ئازەربەيجان دۆلىتى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىجارىي مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر تارىخىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن چوڭ ھەجىمدىكى چاتما ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇق. مەسىلەن 2007 - يىلىدا ئەزەربەيجاندا تونۇلغان يازغۇچى ۋە تارىخچى ئايدىن ئەپەندى يازغان "شەرقىي تۈركىستان ۋە ھازىرقى خىتاينىڭ شىمالىي رايونى" تېمىسىدا چاتما ماقالە ئېلان قىلدۇق. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 2008 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارى خىتايغا بۇرالدى. ئەسلىدە پۈتۈن دۇنيا خەلقى خىتايدا پەقەتلا ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئولىمپىك باشلىنىشتىن بۇرۇن تىبەتتە ۋەقەلەر بولدى، بۇ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا ئىككىنچى پىلانغا چۈشۈپ قالدى. ئولىمپىك جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر خىتايدا ئۇزۇندىن بېرى ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ بارلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى. بىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پەريادىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق. بۇ سەۋەب بىلەن گېزىتىمىزدە يۇقىرىقىدەك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋاتىمىز."
 
گېزىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ 8 - ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرگە ئازەربەيجان مەتبۇئاتلىرى يەر بەردىمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: "بۇ ماقالىدە خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئازاپلىق يوللىرى ۋە ئۇيغۇر مىللى ئازادلىق ئىنقىلابى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ۋەھشىلىكلىرى بايان قىلىنغان. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردۇق. 4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىگە، كۇچار ۋەقەسىگە ئازەربەيجان مەتبۇئاتلىرىمۇ يەر بەردى، ئەمما بەزى مەتبۇئاتلار خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن پايدىلىنىپ بەرگەن بولغاچقا تېررور ۋەقەسى دېدى. ئەسلىدە تۈركىيە، ئازەربەيجان ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەتبۇئاتلىرى بۇ ۋەقەلەر ھەققىدە مۇستەقىل بىتەرەپ خەۋەر بېرىشى كېرەك ئىدى. خىتايلار ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىسە، بىزمۇ ئۇ خەۋەرنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ بەرسەك بولمايدۇ."
 
سىلەر 2 يىلدىن بېرى گېزىتىڭلاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىۋاتىسىلەر، بۇ خەۋەرلەرگە كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: "بىز شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نېمە خەۋەر بولسا بېرىۋاتىمىز. بۇ ماقالىدىن كېيىن گېزىتىمىزگە تېلېفون قىلغانلار بولدى، نۇرغۇن كىشىلەردىن خەتمۇ كەلدى. ئۇلار خېتىدە، سىلەر تۈركىستان گېزىتىدە بۇ ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۇق دەپ يېزىپتۇ. بۇنىڭدىن ئازەربەيجان خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەردار ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز."

 ھۆرمەتلىك ئاقىل جامال ئەپەندى سىزمۇ دەپ ئۆتكەندەك، ئاۋغۇست ئېيى ئىچىدە قەشقەر ۋە كۇچالاردا خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى مەيدانغا كەلدى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: " ئۇيغۇر تۈركلىرى ئېلىپ بارغان بۇ ھۇجۇملار ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، چارىسىزلىقنىڭ ئىپادىسى. تۈركىي مىللەتلەر دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە، مەسىلەن قاراباغدا، كەركۈكتە، رۇسىيىدە ئېزىلىۋاتىدۇ. ئەمما تۈرك دۇنياسىدا دۆلەت تۈزۈمىگە، ھاكىمىيەتكە قارشى قوراللىق كۆرەش قىلىۋاتقانلار پەقەتلا ئۇيغۇرلار. بۇ كىشىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغايدۇ. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ مۇجادىلىسىنى دۇنياغا مىللى ئازادلىق كۈرىشى دەپ ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بۇ ئېزىلگەن بىر مىللەتنىڭ مىللى ئازادلىق ئىنقىلاۋىدۇر." 



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.