ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇر درامىچىلىقى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئەزەربەيجان دۆلەت مەدەنىيەت ۋە گۈزەل سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان `مەدەنىيەت دۇنياسى` ناملىق ئەسەردە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى درامىچىلىققىمۇ يەر بېرىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.22
ali-shamil-305 ﺋﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻳﺠﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﺷﺎﻣﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ `ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺩﺭﺍﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻖ` ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

 كىتابتا ئەزەربەيجانلىق تونۇلغان مەدەنىيەتشۇناس، تىياتىر تەتقىقاتچىلىرى، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تەتقىقاتچىلىرى، مۇزىكاشۇناسلار، پەيلاسوپ، تىلشۇناس، دراماتورگ ۋە ئارخىئولوگلار يازغان ماقالىلەرگە يەر بېرىلگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئەزەربەيجاندا تونۇلغان ئەدەبىياتچى ئالى شامىل ئەپەندى يازغان `ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا درامىچىلىق` تېمىسىدىكى ئۇزۇن بىر ماقالىگە يەر بېرىلگەن. ماقالىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر درامىچىلىقىدىن ئومۇمىي مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ تارىخى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر دىرامىچىلىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى، خۇلاسە قاتارلىق بۆلۈملەرگە يەر بېرىلگەن. بۇ ماقالىنى يازغان ئەزەربەيجان پەنلەر ئاكادېمىيىسى فولكلور تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى ئالى شامىل ئەپەندى، بۇ ماقالىنىڭ ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى جۈملىدىن ئۇيغۇر درامىچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كىتاب 328 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ئەزەربەيجان باكۇ نۇرلان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بىز بۇ كىتابتىكى `ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى درامىچىلىق` ناملىق ماقالىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاپتور ئالى شامىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.