ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەر ئۈچۈن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى ياۋروپانىڭ 3 چوڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى
2011.10.05
مەركىزى ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 10-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ، ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىم ۋە گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق خەلقلەر ئۈچۈن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەركىنلىك يۈرۈشى ئۆتكۈزۈلمەكچى. تىنچلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ نامايىشقا بىرمالىقلار، ئىرانلىقلار، تىبەتلەر، ۋيېتناملىقلار، تەيۋەنلىكلەر، دېموكرات خىتايلار، فالۇڭگوڭلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى قاتناشماقچى.
«سوچىەتا لىبەرا»، يەنى، ئەركىن مەدەنىيەت جەمئىيىتى ھەر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىنلىك پرىنسىپىنى قوغداش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز تەشكىلات بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئالدىنقى 3 قېتىملىقىنى ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئۆتكەن قېتىملىقىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-نۆۋەتلىكىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بويىچە ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قاتناشماقچى.
بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ پائالىيەتنىڭ تەييارلىق كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى غەييۇر قۇربان ۋە فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.