فەتىيە شەھىرىدىكى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى بىلەمدۇ؟

تۈركىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ فەتىيە شەھىرىدە «تۈرك دۇنياسىدا مىللىي ۋە دىنىي بايراملار» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داۋاملاشماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلغان قىلغان فەتىيە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ زالىغا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رەسىم ئېسىلغان بولۇپ، رەسىمنىڭ ئۈستى تۈرك ئىسلام يۇرتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ھېسابىنى سورايمىز دېگەن خەت يېزىلغان.

بۇ زالنى ھەر كۈنى يۈزلىگەن كىشى زىيارەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىغا 8000 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى بۇ شەھەردىكى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنى بىلەمدۇ؟ بۇ سوئالنى كوچىدا كېتىۋاتقان ياشلاردىن سورىدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.