فىنلاندىيە تارىختا 1249 - يىلدىن 1809 - يىلغىچە شىۋېتسىينىڭ باشقۇرۇشىدا، 1809 - يىلدىن 1917 - يىلغىچە رۇس ئېپىرىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. 1917 - يىلى مارشال كارىل گوستاۋ ئېمىل مانارخىمنىڭ رەھبەرلىكىدە رۇسىيىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان.
مانارخىم رۇس ئارمىيىسىدە ۋەزىپىدە بولغان مەزگىلىرىدە يەنى 1906 - يىلدىن 1908 - يىلغىچە شەرقى تۇركىستاندا زىيارەتتە بولغان. فىنلاندىيە 1995 - يىلى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان بولۇپ، 2002 - يىلدىن بىرى ياۋرۇپا پۇل بىرلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋرو پۇل سېستىمىسغا كىرگەن.
ھازىر بۇ دۆلەتتە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ھاياتىنى باشلىغان. فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوبۇلقاسىم ئەپەندى ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياش فىنلاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.