ئۇيغۇرلار 8-ئىيۇل پارىژ شەھىرىدىكى سامىشەل مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزدى

فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدىكى سامىشەل مەيدانىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.07.09
fransiye-parij-namayish-305.jpg 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژ شەھىرىدىكى سامىشەل مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. 2012-يىلى 8-ئىيۇل، فرانسىيە.
RFA/Erkin Tarim

7-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە ياشاۋاتقان 90 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشقان. بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان فرانسىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتى رەئىسى ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار نامايىشتا مەيداندىكى كىشىلەرگە نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى دېدى. نامايىشقا قاتناشقان ئايگۈل ئەركىن خانىم كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بالىلىرىدىن ۋە ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاياللارنىڭ پەريادىنى فرانسىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن نامايىشقا كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا سۇيىقەست قىلىپلا قالماستىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ سۇيىقەست قىلىۋاتقانلىقىنى، يولدىشىنىڭ، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن قازاقىستاندا تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، نامايىش بولۇۋاتقان پارىژنىڭ سامىشەل مەيدانىدىكى نامايىشچىلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.