نامايىش سانائەتلەشكەن ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان 20 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن فرانسىيىنىڭ كان شەھىرىگە كەلگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ۋە خىتاينىڭ تىبەت ھەم ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا تىبەتلەر، ۋيېتناملىقلار، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ۋە فرانسىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

فرانسۇز پارلامېنت ئەزالىرى نامايىشتا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. نامايىشقا قاتناشقان نادىرە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قېتىمقى نامايىش مەيدانىغا كۆپ ساندا مۇخبىرلارنىڭ كېلىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتقان.
بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى ۋە نامايىشچىلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.