فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بېيجىڭ ئولىمپىكىدە قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى

فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي 8 - ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق مەسىلىسىدە بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان تىبەت - خىتاي سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ بىرنەرسە دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتايدا چىقىدىغان سىنا ئىنتېرنېت شىركىتى ساركوزىينىڭ بۇ خىل مەيدانىغا قارشى ئىنتېرنېتتە راي سىناش ئېلىپ باردى.

0:00 / 0:00

فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي 8 - ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق مەسىلىسىدە بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان تىبەت - خىتاي سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ بىرنەرسە دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتايدا چىقىدىغان سىنا ئىنتېرنېت شىركىتى ساركوزىينىڭ بۇ خىل مەيدانىغا قارشى ئىنتېرنېتتە راي سىناش ئېلىپ باردى.

نەتىجىدە راي سىناشقا قاتناشقانلار ئىچىدە ساركوزىينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى قوللىمايدىغان كىشىلەر نىسبىتى 88 پىرسەنت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىسى خەلق گېزىتى خەۋەرلەر تورى مەزكۇر راي سىناش نەتىجىسى ئاساسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىدە قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

تىبەت - خىتاي سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى...

ھالبۇكى، بۇ يىل1 - ۋە 2 - ئىيۇل خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تىبەت - خىتاي سۆھبىتىنىڭ يەنە نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى.

قارىماققا، خىتاي - تىبەت ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت پرېزىدېنت ساركوزىينىڭ كۈتكىنىدەك چىقمىغاندەك قىلاتتى. مەلۇم بولۇشىچە، ساركوزىي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق قارارىنى 7 - ئىيۇلدىن 9 - ئىيۇلغىچە ياپونىيىنىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 34 - نۆۋەتلىك سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا ئېلان قىلىدىكەن.

بۈگۈن خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، گەرچە تېخى پەرەز قىلىنىۋاتقان بىر مەسىلە ئۈستىدە توختىلىشنى رەت قىلغان ھەمدە ئولىمپىكنى سىياسيلاشتۇرغان دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىدە ساركوزىينىڭمۇ بارلىقى ھەققىدە ئاشكارا مەيدانىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئولىمپىكنى سىياسىي بىلەن باغلاپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنىڭ غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

" خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماقچى بولغانلار غەلىبە قىلالمايدۇ "

ئولىمپىك نىزامنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئولىمپىك سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك، بۇ خىل روھ ئولىمپىك ئائىلىسى ھەر ئەزاسىنىڭ ئورتاق ھۆرمەتلىشى ۋە بويسۇنۇشىغا ئېرىشىشى كېرەك. بىز ئولىمپىكىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئولىمپىكنى سىياسىي مەسىلە بىلەن باغلاپ خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماقچى بولغانلار غەلىبە قىلالمايدۇ "

ئەكسىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئولىمپىكنى ئۆزى ھەدەپ كۈچەپ سىياسىيلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چەتئەل ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، ھازىر جۇڭگو ئۇچۇر مەركىزىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تيەن چىلياۋ خانىم شۇلارنىڭ بىرىسىدۇر.

تيەن خانىم "خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىكنى ئەلۋەتتە سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ" دېدى ۋە تور بەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان خىتاي ياشلىرىنىڭ خىتاينىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى پاش قىلغان غەرب مەتبۇئاتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

تيەن چىلياۋ : "خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا خەلقىغە خىتاينىڭ پەقەت گۈزەل تەرىپىنىلا كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ"

ئۇ يەنە، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پەقەت بىر تەنھەرىكەت يىغىنىدىنلا دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بۇنىڭ بىر پەقەت تەنھەرىكەت يىغىنى ئەمەسلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، چۈنكى ئەگەر بۇ ئولىمپىك يىغىنى ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق ئەركىن دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان بولسا بۇنداق كۈچلۈك سىياسىي ئىنكاسلارمۇ مەيدانغا چىقمىغان بولاتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇنى سىياسىيلاشتۇرۇپ خەلقىغە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك، مۇھىم دۆلەت ۋە پارتىيە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى" دېدى.

تيەن چىلياۋ خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە يەنە، خىتاي قۇدرەتلىك دۆلەت بولسا ئۇنىڭ يولى باشقا، ئەمما خىتاي قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى چېقىپ يۆتكەپ، چىرايلىق بىنالارنى سېلىپ دۇنيا خەلقىغە خىتاينىڭ پەقەت چىرايلىق تەرىپىنىلا كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىمۇ، خىتاينىڭ ئولىمپىكنى سىياسيلاشتۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تەرەپلەر ئىكەن.

بېيجىڭ ئولىمپىكى مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى فرانسىيىدە قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلگەندىن كىيىن، فرانسىيە خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ئۆز مىللەتچىلىك مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان ئالدىنقى سەپكە ئايلانغان ھەمدە خىتاي مىللەتچىلىرى ئىنتېرنېتتە بايانات ئېلان قىلىپ، فرانسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش، فرانسىيىنىڭ خىتايدىكى پارچە سېتىش دۇكانلىرىدىن مال ئالماسلىق، فرانسىيىگە قارىتىلغان ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى بىكار قىلىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

تيەن چىلياۋ : " خىتاي مىللەتچىلىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا شەكىللەنگەن مىللەتچىلىك"

ھالبۇكى، بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان خىتاي ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدە فرانسىيىگە قارشى قانات يايدۇرۇلغان پىكىر دولقۇنلىرى چەتئەللەردىكى خىتاي سىياسىي كۆزەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە خىتاي ئىچىدە قوزغالغان بۇ خىل مىللەتچىلىكنى ئەقەللىي مىللىي بولمىغان ياكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدا شەكىللەنگەن مىللەتچىلىك دەپ ئاتىغان ئىدى.

بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو ئۇچۇر مەركىزىدىكى سىياسىي تەھلىلچى تيەن چىلياۋ خانىم تىبەت مەسىلىسىدە ساركوزىي ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلگە ئوخشاش پىكىردىكى چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ ساركوزىينىڭ مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

تيەن چىلياۋ خانىم يەنە، ئۆزىنىڭمۇ ساركوزىينىڭ خاراكتېرىنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: " پرېزىدېنت ساركوزىينىڭ تىبەت ۋە ئۇنىڭ ئولىمپىك يىغىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېيتقانلىرى تامامەن توغرا بولۇپ، مەنمۇ بۇنى قىلالايمەن. ئەمما تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، بۇ خىل مەيدان خىتاي خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. چۈنكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى شەكىللەندۈرگەن تار مىللەتچىلىك تەرىپىدىن قارىغۇ قىلىنغان. ئۇلار خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتى ھەققىدىكى ھەر قانداق تەنقىدنى قوبۇل قىلالمايدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قارىشى چىقىدۇ."