ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدون بىلەن سۆھبەت (1)

ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ "ئۆز ۋەتىنىدە يەكلەنگەن ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابى يېقىندا نەشردىن چىقىدۇ. مەزكۇر كىتابنى ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان. كىتاب بۇ يىل ئىيۇلدا نەشردىن چىقىپ بازارغا سېلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

بوۋىڭدون ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپOpens in new window ]

، كىتابى، مەزكۇر كىتابنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان كىتابلار بىلەن بولغان پەرقى ۋە ئورتاقلىقى ھەققىدە توختالدى. گاردنېر بوۋىڭدون ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوتسېنتى. ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىدۇ. بوۋىڭدون ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرچە رومان ۋە شېئىر، ھېكايىلەرنى ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشىنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

جۈمە:

يېڭى كىتابىڭىزنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.


گاردنېر بوۋىڭدون:

رەھمەت.

جۈمە:

بۇ كىتاب، "ئۆز ۋەتىنىدە يەكلەنگەن ئۇيغۇرلار" دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ ئىسىمنى تاللىشىڭىزدىكى سەۋەبلەرنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز. بۇ ئىسىمنى قويۇش قانداق ئېسىڭىزگە كەلدى؟

گاردنېر بوۋىڭدون:

مەن ئەسلىدە بىر ئاز زېرىكىشلىك ۋە ئاكادېمىك ئىسىملارنى تاللىغان. بۇنىڭدا ئېتنىك مىللەتچىلىك دېگەندەك تېمىلار ھەققىدىكى ئابستراكتنى سۆزلەر بار ئىدى. مۇھەررىر ماڭا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىسىمدىن بىرنى تاللىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ كىتاب ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولغاندىن كېيىن، "ئۇيغۇرلار" دەپلا ئاتىساق بولمامدۇ، دېدى. مەنمۇ قېتىلدىم.

كىتابنىڭ ئىسمىدىكى كېيىنكى جۈملىگە، يەنى "ئۆز ۋەتىنىدە يەكلەنگەنلەر" دېگەن قىسمىغا كەلسەك، بۇ، مەن ئەزەلدىن ئويلاپ كېلىۋاتقان بىر ئىش ئىدى. بۇ سۆزلەر مېنىڭ ئىلمىي ماقالەمدىمۇ بار ئىدى. مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىمدا، كۆچمەنلەرنىڭ كېلىش شەكلى يەنى، ناھايىتى كۆپ ساندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىشى سەۋەبىدىن 1949 - يىلدىكى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان تۈركىي ۋە مۇسۇلمانلار نوپۇسى، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۆچمەنلەر سەۋەبىدىن بۇرۇنقىغا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇرلار مەيلى تىل ۋە مەيلى مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن، بۇ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ھېچ نەرسىسىگە ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. ئۇلاردا ئاپتونومىيە يوق. ئۇلاغا ئۆزلىرىنىڭ نامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئانا ماكانى بولمىش بۇ زېمىندا بۇ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغان پۇرسەت بېرىلمىگەن. شۇڭا مەن، بۇ قايغۇلۇق رېئاللىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ ئىسىمنى تاللىدىم.

جۈمە:

كۆپ رەھمەت، مەن بۇ ئىسىمنى بەك ياخشى كۆردۈم. ئەلۋەتتە كىتابنىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىمدا شەك يوق. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە چەتئەللەردە ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە كىتابلار يېزىلدى. سىز بۇ "ئۇيغۇرلار" دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئېيتىپ باقسىڭىز، بۇ كىتاب ئىلگىركى كىتابلار بىلەن قانداق پەرقلىق؟ كىتابنىڭ تېمىسى، كىتابتا ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇنلار بىلەن قانداق ئورتاقلىققا ئىگە.

گاردنېر بوۋىڭدون:

ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق ئېيتىش زۆرۈركى، بۇ كىتاب بىر ئىلمىي ئەسەر. بۇ قانداقتۇر بىر ئېتىرازنامە ياكى مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىكى تەشۋىقات ماتېرىيالى ئەمەس. مەن كىتابىمدا ئادىل ۋە ئىلمىي بولۇشقا تىرىشتىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، كىتابنى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتىدەك بىر ئىلمىي ئۆلچىمى يۇقىرى نەشرىيات نەشر قىلمىغان بولاتتى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىلگىرى يېزىلغان بەزى كىتابلاردا تەڭپۇڭلۇققا ئەھمىيەت بېرىلگەن بولسىلا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان كىتابلار ئىدى. بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرى پەقەت ئوخشىمايدىغان ئوقۇرمەنلەرگە يېزىلغان. مېنىڭ كىتابىم، ئالدى بىلەن ئىلمىي ساھەگە قىزىقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالنى چۈشىنىشىگە ۋە بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلىشىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە يېزىلغان. مەن، كىتابىمنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا، مەركىزىي ئاسىيا خەلقىگە قىزىقىۋاتقان كىشىلەرگە، كونكرېتنى ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەر شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ مەسىلىسى، دىنىي ۋە سىياسىي ئەركىنلىكى مەسىلىگە قىزىقىۋاتقان كىشىلەرگىمۇ مەنپەئەتى تەگسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن. مېنىڭ بۇ كەڭرى مەسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى سەۋەب، بۇ مەسىلىلەر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچرايدۇ. مەن يەنە شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، كىشىلەردە بۇ كىتاب ئارقىلىق كىتاب ئۆز نامىدا ئاتالغان كىشىلەرگە ( يەنى ئۇيغۇرلارغا)، شۇنداقلا مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپ قارالغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ھېسداشلىق قوزغىغۇسى.

جۈمە:

مەن سىزگە ئېيتقىنىمدەك، بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى بەك ياخشى كۆردۈم. مەنچە سىز ئىسىم تاللاش جەھەتتە ئۇتۇق قازىنىپسىز. تاللىغان بۇ ئىسىم بەك كۈچلۈك بوپتۇ. سىز كىتابىڭىزنى مىللەتچىلىككە ئىزاھات بېرىش بىلەن باشلاپسىز. خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختالغان بولسىڭىز؟


گاردنېر بوۋىڭدون:

مىللەتچىلىككە قىزىقىپ قېلىشىم شىنجاڭدا خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى بەك ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولغانلىقىدىن بولغان. مانجۇلارغا قارشى خىتاي مىللەتچىلىرى 1911 - يىلى غەلىبە قازاندى. ئۇلار يەنە، مانجۇ ئىمپېرىيىسىنى قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ تونۇپ يەتتى. ئۇلارنىڭ مىللەتچىلىك دەستۇرىدە، جۇڭگو، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەممە نەرسىنى ھەمدە ئۇلار ئىلگىرى قاتتىق ئۆچ كۆرگەن ئاتالمىش مانجۇ ياۋۇزلىرى ئىگىلىگەن بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا بۇنىڭغا تىبەت، شىنجاڭ ۋە موڭغۇلىيىمۇ چوقۇم كىرگۈزۈلىشى كېرەك دېيىلگەن.

دېمەك، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ بۇ نۇسخىسى، 1911 - يىلدىن كېيىن ئەڭ ھۆكۈمران ئورنىغا ئۆتتى ۋە 1949 - يىلدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھۆكۈمران خىتاي مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى بولۇپ داۋاملاشتى. 20 - ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، بارلىق تۈركى خەلقلەر بىرلىشىشى كېرەك دەيدىغان پانتۈركىستلەر ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار بىرلىشىشى كېرەك دەيدىغان پانئىسلامچىلار مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە 1920 ‏ - ۋە 30 ‏ - يىللىرى، ئوخشىمايدىغان تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تېررىتورىيىسى بولۇشى كېرەك دەيدىغان كىشىلەر مەيدانىغا كەلدى. ھازىر بۇلارنى بىز ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى دەپ ئاتىساق بولىدۇ. مېنىڭچە، ئۇلار تۇنجى بولۇپ سوۋېتلەر ئىتتىپاقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. چۈنكى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئاشكارا ۋە بۆلگۈنچى مىللەتچىلىكنى باستۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇلار ئەكسىچە قازاق، ئۆزبېك ۋە قىرغىزلار ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا جۇمھۇرىيەتلىرى بولۇشى كېرەك دېگەنگە ئوخشاش سوۋېت مىللەتچىلىكى ئۇقۇمىنى قوللىغان. بۇ خىل ئۈلگە ئۇيغۇرلارنى، ھەممەيلەننىڭ ئۆز ئالدىغا جۇمھۇرىيىتى بولسا، بىزنىڭمۇ جۇمھۇرىيىتىمىز بولۇشى كېرەك دېگەن خىيالغا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئىچىدە، ياكى بەزىلەر خىيال قىلغان جۇڭگو سوۋېتى ئىچىدە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى قوبۇل قىلغانلىقى، ياكى تولۇق مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئارزۇسىدا بولغانلىقى ئۇيغۇر مىللەتچىلىرى ئارىسىدا مۇنازىرە پەيدا قىلغان مەسىلىدۇر.

ھالبۇكى، بىر نەرسە ئېنىقكى، 1949 - يىلدىن كېيىن، بەزى كىشىلەر جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلسا، بەزىلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلغان ئاپتونومىيە ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلدى. بەزىلەر تولۇق مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلغان بولسا، بەلكىم، مېنىڭچە بەزى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۆزىگە بېرىلگەن ھوقۇقلاردىن باشقىنى تەلەپ قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەر بىر پىكىر ئېقىمنى قانچىلىك ئادەمنىڭ قوللىغانلىقىنى بىلمەيمىز. مانا بۇ ھازىر بىز يولۇقۇۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە. ئەمما يەنە بىر نەرسە شۇنداق ئېنىقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاخىرقى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار، يەنى ئۆز كەلگۈسىنى جۇڭگوغا باغلاپ قارايدىغان، ئۆزىنى جۇڭگو پۇقراسى دەپ تونۇيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىغا ھەممە ئادەمنى ئىشەندۈرمەكچى بولدى ۋە ئىشنى شۇنىڭ بىلەن تۈگىتىشكە تىرىشتى.

جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزەلدىن ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان گۇرۇپپا ئىكەنلىكىگە بىزنى ئىشەندۈرمەكچى بولدى. بەزى ئۇيغۇر مىللەتچىلەر بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچى ئىكەنلىكى ۋە پۈتۈنلەي مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىغا ھەممە ئادەمنى ئىشەندۈرمەكچى بولۇشىدۇ. مەنچە، ھەر ئىككىلا پىكىر بۇرمىلانغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، گاردنېر بوۋىڭدون ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.