گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى تۈرمە ھەربىي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى
گۈەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ باش ئادۋوكاتى سېيبىن ۋېللىت ئەپەندى، مەزكۈر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا فېدېرال سوتىدىكى تەرەققىياتىنى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، 26 - ئۆكتەبىر كۈنى گۈەنتانامو دېڭىز قولتۇقىدىكى ئىگۋانا لاگىرىغا يېتىپ بارغان.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008-10-29 -
-
-
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﯜﻩﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﻰ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﮔﯜﻩﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 17 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻰ ﺳﯧﻴﺒﯩﻦ ﯞﯦﻠﻠﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﮔﯘﺋﺎﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ.
Courtesy of UAA
Your browser doesn’t support HTML5 audio
27 - ئۆكتەبىر كۈنى 17 كىشى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئادۋوكات سېيبىن ئەپەندى دۈشمەن جەڭچىسى ھېسابلانمىغان بۇ ئۇيغۇرلارنى يەنىلا كىشەنلەنگەن ھالدا كۆرۈشنى خالىماي، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئۇلار بىلەن زەنجىر ۋە كىشەنسىز ئەركىن ھالدا ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلغان .
بىراق ئادۋوكاتنىڭ مەزكۈر تەلىپى گۇئانتانامودىكى ھەربىي دائىرىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن سېيبىن ۋېللىت ئەپەندى سوتنىڭ ھۆكۈمىدىن كېيىنمۇ قويۇپ بېرىلمەي ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن، ئىگۋانا لاگىرىدىكى تۆمۈر رېشاتكىلىق قورونىڭ سىرتىدا تۇرۇپ 6 سائەت سۆھبەتلەشكەن.
تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، روشەن خانىم گۇئانتانامودا تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات يەتكۈزدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.