گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى مەسىلىسىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا، 24 ‏- نويابىر چۈشتىن كېيىن گۇەنتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى دەرھال قويۇپ بېرىش مەسىلىسى بۇيىچە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. www.house.gov

مەزكۈر ئىسپات بېرىش يىغىنىغا 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ 5 نەپەر ئادۋوكاتى قاتناشقاندىن سىرت، ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

ئىسپات بېرىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىسپات بېرىش يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرلىغان سۆھبەت زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org