گەنسۇ ئاپەت رايونلىرىدىن كەلگەن خىتاي دېھقانلار ئىلى يېزىلىرىغا يەرلەشتۈرۈلدى

ئىلى رايونىدىكى قىلغان دېھقانلار بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ئاپەت رايونىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم خىتاي دېھقانلىرىنىڭ ئىلى يېزىلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

0:00 / 0:00

2010-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» تورىدا، گەنسۇ دائىرىلىرىنىڭ گەنسۇدىكى ۋۇدۇ ئاپەت رايونىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە نوپۇس يۆتكەش ھەققىدە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.

شۇ كۈنىدىكى خەۋەرلەردە يەنە، بېيجىڭدىكى تارماقلارنىڭ، بۇ تەكلىپ ئۈستىدە ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما 17-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىگە نوپۇس يۆتكەش ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ھەم گەنسۇ دائىرىلىرىدىن بىرى، مەتبۇئاتتا مەخسۇس بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ، گەنسۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا نوپۇس يۆتكەش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتايچە «ئالما گېزىتى» نىڭ 17-ئاۋغۇست گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە نوپۇس يۆتكەش تەكلىپىنىڭ ئىنكار قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي ھەم سەزگۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى دەرھال يىغىشتۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەينى چاغدا مەزكۇر خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پىلانغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى «ئۇيغۇر رايونىغا زور تۈركۈمدە نوپۇس يۆتكەشكە باھانە ئىزدەۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئەمما رادىئومىز يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىسىنىڭ ھەرقايسى پولكلىرى ھەتتا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئىلى رايونىدىكى بىر قىسىم يېزىلارغىمۇ گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ئاپەت رايونىدىن خىتاي كۆچمەنلىرى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

غۇلجا ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل باش ئەتىيازدا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ پەنجىم، چولۇقاي، مولتوختىيۈزى قاتارلىق يېزىلىرىغا، ھەر بىر كەنتكە 10 ئائىلىدىن تەخمىنەن 500 ئائىلىلىك گەنسۇلۇق خىتاي دېھقانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت گەنسۇدىكى ئاپەت رايونىدىن كەلگەن بۇ كۆچمەن خىتايلارنى مەخسۇس ئۇلار ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ كۆچمەن خىتايلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ھەر بىر پارنىك ئۈچۈن 40-50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا خەلق پۇلى مەبلىغى سېلىنىپ قۇرۇلغان پارنىكلاردا كۆكتات ئۆستۈرۈشكە باشلىغان.

رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غۇلجا ناھىيىسىدىكى دېھقانلار ئارىسىدا ئىككى يىلدىن بۇيان ناھىيىدىكى دېھقان-چارۋىچىلاردىن «ئايلانما تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن دەپ مەجبۇرى ئېلىۋېلىنغان يەرلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق كەيپىياتى كۈچىيىشكە باشلىغان.

ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بولسا، پەقەت ئىككى يىلدىن بۇيان غۇلجىدىكى «ئايلانما تەرەققىيات رايونى» قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرلا بېرىلىپ، ھازىرغا قەدەر ئىلى رايونىغا رايونغا قانچىلىك خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يۆتكىلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن.

ئەمما بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 15-كۈنى «ئۇيغۇربىز» تور بېتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە بېرىلگەن بىر خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گەنسۇنىڭ ۋۇدۇ رايونىدىن كۆچۈشكە تەييارلانغان كۆچمەنلەر 348 ئائىلە، 1243 كىشى بولۇپ، بۇلار ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيىسى، تېكەس، كۈنەس ۋە نىلقا ناھىيىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەنگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتكەن. بىڭتۇەن تور بېكىتىنىڭ 2010-يىلى 27-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە، 2010-يىلى 10-11-ئاي مەزگىلىدە بىڭتۇەن تەۋەسىدىكى پاختىلارنى يىغىۋېلىش ئۈچۈن 300 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لاتقا ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋۇدۇ رايونىدىن ھەم خېنەن ئۆلكىسىدىن يۆتكەپ كېلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇ كۆچمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەن تەۋەسىدە مەڭگۈلۈك يەرلىشىپ قالىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ چولۇقاي يېزىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيىسىدە ئەسلىدىنلا يەر قىسلىقىنى، ئەمما يېقىندا ئۆزىنىڭ چولۇقايدىكى تۇغقانلىرىدىن ئەسلىدىنلا يەر ۋە سۇ قىس بولغان چولۇقاي يېزىسىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى بىنەم يەرلەرگە 3000 دىن 4000 غىچە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئورۇنلاشقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ئەپەندى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشقان بىڭتۇەندىن باشقا يەنە يەرلىك ئۇيغۇر يېزىلارغىمۇ كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە قاراتقان كۆچمەن يۆتكەش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.