گەپ سۆزدە ئەدەبلىك بولۇش گۈزەل ئەخلاقتۇر
سۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ نېمەت ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئەڭ كاتتا ئىنئاملارنىڭ بىرىدۇر. سۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ نېمەتتىن قانداق پايدىلىنىش، كۈنىگە توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان بۇ تىلنى قانداق قىلىپ ياخشى يولغا ئىشلىتىش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش. گەپ - سۆز شۇ ئادەمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە خاراكتېرىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-05-27 -
-
-
جامائەتنىڭ سۆز ئۇسلۇبىغا قاراپ ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتتا ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام " سۆزلىسەڭ ياخشى سۆز قىلغىن، بولمىسا سۈكۈت قىل" دەپ كۆرسەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇكېرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئويلاپ سۆزلەش كېرەك
ئابدۇكېرىم ھاجىم مۇنداق دېدى: " ئەجداتلىرىمىز: "ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە" دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان. سۆزلەشتىن ئاۋۋال سۆزلەشنىڭ زۆرۈرىيىتىنىڭ بارلىقى ياكى يوقلۇقىغا قاراش، زۆرۈر بولسا سۆزلەش، بولمىسا جىم تۇرۇش كېرەك. ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ تىلىنى تىزگىنلەپ، ئۆزىنى باشقۇرالىسا، جىم تۇرۇشقا تېگىشلىك ئورۇنلاردا سۈكۈت قىلىپ، سۆزلەشكە تېگىشلىك ئورۇنلاردا سۆزلىيەلىسە، ئۇ پىشىپ يېتىلگەن بولىدۇ. كۆپ سۆزلىگەن ئادەم كۆپ خاتالىشىدۇ. سورۇننىڭ تۆرىگە چىقىۋېلىپ توختىماي قۇمدەك سۆزلەۋەرسە، ئاڭلىغۇچىلارنى ئۇنى سۆزىنىڭ تۇتامى يوق ئادەم دەپ باھا بېرىدۇ - دە، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.ئادەم زېھنىنى يىغماقچى، قىلماقچى بولغانلىرى ئۈستىدە ئويلانماقچى بولسا، ئۇ چوقۇم سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشى لازىم. شۇڭا تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى سۈكۈت قىلىشنى ۋە سۈكۈت ئىچىدە تەپەككۇر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ."