گېرمانىيىدە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىقى خاتىرىلەندى

بۇندىن 22يىل بۇرۇن يەنى - 1990يىلى - 4ئاينىڭ - 5كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

قوزغىلاڭ خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن شىددەتلىك باستۇرۇلۇپ، بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقى قىرغىن قىلىنغان ۋە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تالاي ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئىدى. گەرچە ئارىدىن 22 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئاشۇ قېتىملىق قىرغىندا شېھىت بولغان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە ئازاپ چىكىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. بولۇپمۇ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا بېغىشلاپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۈگۈن - 5ئاپىرىل كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرىدۇر.

گېرمانىيىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جېلىل قارىم نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بەردى.