مەلۇم بولۇشىچە، ئەرشىدىن ئىسرائىل 2009-يىلى 9-ئايدا قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ، ب د ت نىڭ قازاقىستاندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بولۇپ، 5-ئاينىڭ 31-كۈنى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق جىددىي يىغىن چاقىرىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.
بېرلىنغا توپلانغان ئۇيغۇرلار « قازاق-ئۇيغۇر قېرىنداش! ئۇيغۇرلارنى ساتماڭلار! ئۇيغۇرلارنى خىتايلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار! » دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.
بېرلىندىكى قازاقىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشنىڭ يېتەكچىلىرىدىن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ۋە باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدا نەق مەيداندىن مەلۇماتلار بەردى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىلىق توختىلىپ ئۆتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1999-يىلى قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن قازاقىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىر قېتىم نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى نامايىش قازاقىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
قازاقىستان ئەلچىخانىسى خادىملىرى نامايىشچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا مەلۇمات بەردى. ئەسقەرجان ئەپەندى قازاقىستان ئەلچىلىرىگە ئۇيغۇر-قازاق مۇناسىۋەتلىرىنى يامانلاشتۇرىدىغان بۇنداق ۋەقەلەردىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى، كەلگۈسىدە قازاقىستاننىڭ قوشنىسى خىتاي ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار بولىدىغانلىقىنى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر 50 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق زېدە قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.