يىغىنغا غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى بېيجىڭدىن قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئەرزىيەت خىزمىتى كادىرلىرىدىن باشقا يەنە، شۇ مەزگىلدە بېيجىڭدا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى خۇاڭ ۋېي قاتناشقان. ئاشكارىلىنىشىچە، يىغىندا جاپپار ھەبىبۇللا، 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلارنى «قېچىپ كەتكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەكلىپ، غايىبلارنىڭ ئاللىقاچان دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن دائىرىلەرنىڭ ئائىلىلەر ۋە جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا.
دەردمەن ئانا پاتىگۈل غۇلام، يېقىندا ئۈرۈمچىدە كوچىدا كېتىۋېتىپ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بېيجىڭدىن تۇتۇپ كەلگەن يۇقىرى سوتنىڭ بىر ئەرزىيەت كادىرىنى كۆرۈپ قالىدۇ. پاتىگۈل خانىم ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئەينى چاغدا بېيجىڭدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى يۈزىگە سالىدۇ ۋە بالىسىنىڭ ئۇچۇرىنى سورايدۇ. بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ چارىسىزلىقىنى بايان قىلغان ئەرزىيەت كادىرى، ئەينى چاغدا بېيجىڭدا بىر مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى، يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللانىڭ، «غايىبلارنى قېچىپ كەتكەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش» ھەققىدە تەكلىپ سۇنغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەكلىپ سېكرېتار خۇاڭ ۋېي تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. خۇاڭ ۋېي غايىبلارنىڭ ئەسلىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىگە ئاۋۋال ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ جاۋاب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بىزنىڭ بۇرۇنقى ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر، خوتەن قاراقاشلىق نەبىجان ئېلىنىڭ ئائىلىسىگە ۋە قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى ئەيساجان مەمەتنىڭ ئائىلىسىگە پەرزەنتلىرىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەنلىك ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئائىلىلەر بولسا پۇتى -قولى كىشەنلەنگەن كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە قېچىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئېيتىپ، دائىرىلەرنىڭ سۆزىنى رەت قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا قاراقاش ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى «يۇقىرىدىكىلەر مېنىڭ مۇشۇنداق جاۋاب بېرىشىمنى ئېيتتى» دەپ ئەسكەرتىپ، بۇ گەپكە ئۆزىنىڭمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ توربېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1982-يىلى خىتاي كومپارتىيىسىگە ئەزا بولغان جاپپار ھەبىبۇللا 2005-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە؛ ئۇ نۆۋەتتە يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭمۇ مۇدىرى. مەلۇمكى، ئۇ يۇقىرىقى تەكلىپنى بېرىش ئارقىلىق خىتاي ھاكىمىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ بىر پاجىئەنى يوشۇرۇشقا ئەقلىي جەھەتتىن ھەسسە قوشماقچى. توربەتتىكى تونۇشتۇرۇشتىن قارىغاندا، جىمىساردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاپپار ھەبىبۇللانىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى بىلگەندىن باشقا، كەسىپ، ئىقتىدار ياكى كىشىلىك خاراكتېر جەھەتتىن ئالاھىدە بىر ئۈستۈنلۈكى مەلۇم ئەمەس. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ھازىرقى مەرتىۋىسىگە يېتىش ئۈچۈن، يۇقىرىقىغا ئوخشاش تەكلىپلەرنى يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە زىت، ئەمما خىتاي دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق تەكلىپلەرنى كۆپ قېتىملاپ سۇنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.