5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (15)

خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى نۇردۇن، «5 - ئىيۇل» دىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغان تۇرسۇنجان توختىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىدىن تېنىۋالدى.

0:00 / 0:00


ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە ساتىراشلىق قىلىۋاتقان تۇرسۇنجان توختى،2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئەينى چاغدا خىتاينىڭ ساقچى خادىملىرىدىن نۇردۇن تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. نۇردۇن شۇ چاغدا تۇرسۇنجاننىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىغا تۇرسۇنجاننى ئۆزى تۇتقانلىقىنى ۋە سوراقتىن كېيىن تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما بۈگۈن مۇخبىرىمىز نۇردۇننى تېلېفوندا زىيارەت قىلغىنىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرسۇنجان توختىنى تۇتمىغانلىقىنى ۋە ھەتتا ئۇنى كۆرۈپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. تۇرسۇنجاننىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتى بولسا، تۇرسۇنجاننى نۇردۇننىڭ تۇتقانلىقىغا گۇۋاھچىلارنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: - سىز قارلىغاچ ساقچىخانىسىدا ئىشلىگەن نۇردۇنمۇ؟
ساقچى: - شۇنداق، مەن شۇ.
مۇخبىر: - سىز 5 - ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولۇپ كەتكەن تۇرسۇنجان توختىنى ئىشلەۋاتقان ساتىراشخانىسىدىن تۇتۇپ ئەكىتىپتىكەنسىز؟ تۇرسۇنجاننى كىمگە ياكى نەگە تاپشۇرغان ئىدىڭىز؟
ساقچى: - مەن ئەمەس، مەن تۇتمىدىم، مەن ئۇ كىشىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان.
مۇخبىر: - سىزنىڭ پەرىزىڭىزچە، شۇ چاغدا تۇرسۇنجاننى تۇتقان كىم ۋە قانداقلارچە غايىب بولۇپ كەتكەن؟
ساقچى: - غايىب بولۇپ كەتكەن ئادەمنى مەن قانداق ئالىمەن؟!
مۇخبىر: - ئۆزىڭىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن چىققان گەپ بار، ئەينى چاغدا تۇرسۇنجاننىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىغا تۇرسۇنجاننى ئۆزىڭىزنى تۇتقانلىقىنى ئېيتىپتىكەنسىزغۇ؟
ساقچى: - بۇ تۆھمەت، ئۇلار شۇنداق گەپ تارقىتىپ يۈرۈپتۇ «نۇردۇن بىلەن غوجى تۇرسۇنجاننى تۇتۇپ ئەكېتىپ يوقىتىۋەتتى» دەپ. بۇ پۈتۈنلەي يالغان.
مۇخبىر: - بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە بىر پۇقرا ئىككى ساقچى ئۈستىدىن تۆھمەت قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟
ساقچى: - بۇ ئىشلارنى ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەرزىيەت بۆلۈمى مەندىن سۈرۈشتە قىلغان. بۇ ئىشلار ھەققىدە ھەممە ئەھۋالنى تەپسىلىي يېزىپ، قادىر كېجاڭ ۋە ئەمەت كوجاڭلاغا يەتكۈزگەن.
مۇخبىر: - ئەمىسە شۇ يوللىغان ماتېرىيالىڭىزدىكى ئەھۋالنى قىسقىچە دەپ بېرەلەمسىز؟
ساقچى: - تۆت يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار، ئەسلىيەلمەيمەن، شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن سۈرۈشتە قىلىڭ.

مەلۇم بولىشىچە، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدىكى قارىلىغان ساقچىخانىسىدا ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن نۇردۇن، 5 - ئىيۇل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باستۇرۇشلاردا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىگە يۆتكەلگەن. بىز نۇردۇننىڭ بايانلىرىنىڭ توغرا يا خاتالىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، تۇرسۇنجان توختىنىڭ ئاكىسى قۇربانجان توختى بىلەن سۆزلەشتۇق. قۇربانجان ئەينى چاغدا نۇردۇننىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن تۇرسۇنجاننى تۇتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، غاجا دېگەن ساقچىنىڭمۇ تۇرسۇنجاننى نۇردۇننىڭ سوراق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە تۇرسۇنجاننى قارلىغاچ ساقچىخانىسىنىڭ تۇتقانلىقىغا تۇرسۇنجاننىڭ ساتىراشخانىسىدا ئىشلەيدىغان 4 خىزمەتچى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا تىجارەتچىلەرنىڭمۇ گۇۋاھلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت ئامانلىق ساقچىسى نۇردۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 - ئىيۇل كۈنى تۇرسۇنجان توختىنىڭ پۇتىغا ئوق تەگكەن. ئۇنىڭ پۇتىغا ئوق تەگكەنلىك ئۇچۇرىنى باشقا تۇتقۇنلار پاش قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە قېتىلغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۇنى ئىزدىگەن، لېكىن تاپالمىغان. ئەمما تۇرسۇنجاننىڭ ئاكىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرسۇنجانغا 5 - ئىيۇلدا ئوق تەگكەنلىكى راست، ئەمما ئوق بىۋاسىتە ئەمەس، قاڭقىپ كېلىپ تەگكەن. جاراھەت چوڭ بولمىغاچقا ئۆزى تېڭىپ ساقايتىۋالغان. ئۇ 5 - ئىيۇل كۈنى كەچتە، ساتىراشخانىسىغا يېقىن جايدىكى بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالغان. تۇرسۇنجان توختى تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆيىدە قونۇپ قالغان دوستىمۇ قارلىغاچ ساقچىخانىسىغا ئاپىرىلىپ سوراق قىلىنغان. قۇربانجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇمۇ تۇرسۇنجان توختىنىڭ قارلىغاچ ساقچىخانىسىغا ئاپىرىلغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى.