دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى قارمىقىدىكى ئىز - دېرەكسىز ۋە مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزگەن.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مايك ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى باشلانغان يىغىنىغا قاتنىشىپ، يىغىننىڭ 26 - ئىيۇندىكى كۈن تەرتىپى بويىچە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆز ئالغان ئىدى. جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان بۇ يىغىن 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، مايك ئەپەندى بۇ يىغىنلارغا داۋاملىق قاتنىشىپ كەلمەكتە. ئۇ تۈنۈگۈن يەنى 28 - ئىيۇن كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش رادىكال پارتىيىسى» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلار مەسىسىلىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ئامېرىكا، شىۋىتسىيە ۋە دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە قىلغان نۇتقىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر يىغىنىمۇ بۇ نۆۋەتلىك كېڭەشكە پاراللېل ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بۇ يىغىنغىمۇ قاتناشقان. يىغىندا ئىز - دېرەكسز يوقىلىپ كەتكەنلەر مەسىلىسى بويىچە كېڭەشنىڭ قانداق بىر يول تۇتۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولغان.
2009 - يىلى 5 - ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە 3 يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ كۈنىدىكى ۋەقە، ئۇندىن كېيىن بولغان ۋەقەلەرگە دائىر نۇرغۇن سىرلار تېخى يېشىلمەي ياكى ئاشكارىلانماي كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەنىڭ 3 يىللىقىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن غايىپلارغا ئاتىغان بولۇپ، ئۇلار، ئۇيغۇر غايىپلار ھەققىدە رادىئومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مەخسۇس بىر دوكلات تەييارلاپ چىققان ۋە ئۇنى 22 - ئىيۇن كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى قارمىقىدىكى ئىز - دېرەكسز ۋە مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلگەنلەر گۇرۇپپىسىغا يوللىغان ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۈگۈن بۇ گۇرۇپپا خادىملىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، يوقاپ كەتكەنلەر ھەققىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
بۇ دوكلاتتا ھازىرغىچە يوقاپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان 23 ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى، ئۇلارنىڭ ئىسم - فامىلىسى، كىملىك نومۇرلىرىغىچە تولۇق بېرىلگەن بولۇپ، ئىز - دېرەكسز ۋە مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىلگەنلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى يۇقىرىدىكى ماتىرىياللارغا ئاساسەن خىتايدىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆزى قول قويغان خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېرقىي ئايرىمىچىلققا قارشى تۇرۇش، تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇشقا ئوخشاش نۇرغۇن كېلىشىملىرىگە قول قويغان بىر دۆلەت. ئەمما، مەسىلىنىڭ كېلىشىمگە قول قويۇش بىلەنلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يۇقىرىدىكىدەك پاكىتلىق دوكلاتلارنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ، خىتاي ئۈستىدە خەلقئارالىق بېسىم پەيدا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00