غەربلىكلەرنىڭ خىتاي ھەققىدە 5 خىل " شىرىن خىيالى"

كانادالىق دىپلومات برىئان مكادام غەرب ئەللىرىنى خىتاي ھەققىدە شىرىن خىيالدا بولماسلىققا ئۈندىدى. كانادادا چىقىدىغان "ئوتتاۋا پۇقرالىرى" گېزىتىنىڭ 8 - سىېنتەبىردىكى دوننا جاكوبس تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان بۇ ماقالىدە، كانادالىق دىپلومات برىئان مكادام، كانادالىقلارنىڭ خىتاينىڭ تاشقى "سېھرى كۈچىگە" مەپتۇن بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

0:00 / 0:00

ئاپتور ماقالىسىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، خىتايغا قاراتقان تاشقى سىياسىتىنى تەڭشەشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا سىياسەتچىلەرنى ئەتىرگۈل رەڭگىدىكى كۆزئەينىكىنى چىقىرىپ تاشلاپ، خىتاينىڭ ھەقىقىي بەشىرىسىنى تونۇشقا ئۈندىگەن.

دىپلوماتىيە ساھەسىدە 30 يىل خىزمەت قىلغان برىئان مكادام ياۋروپا،ئوتتۇرا شەرق ۋە يىراق شەرق دۆلەتلىرىدىكى كانادا ئەلچىلىكلىرىدە ۋەزىپە ئاتقۇرغانئىدى. ئۇ خىتاي مافىيالىرى ۋە خىتاينىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان كانادادىكى ساناقلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.

"ئوتتاۋا پۇقرالىرى"گېزىتىدىكى بۇ ماقالىدە، كانادانىڭ خوڭكوڭدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان دىپلومات برىئان مكادام غەربلىكلەرنىڭ خىتاي ھەققىدە 5 خىل شىرىن خىيالدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

1 - ئەپسانە

بۇ شىرىن خىياللارنىڭ بىرىنچىسى خىتاي بىلەن بولغان سودىدىن كانادا مەنپەت كۆرىدۇ، دېگەن فانتازىيەدۇر. برىئان مكادامنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ كاناداغا قىلغان ئېكىسپورتى 38 مىليارد 800 مىليون دوللار، كانادانىڭ خىتايغا قىلغان ئېكىسپورتى بولسا، 9 مىليارد 300 مىليون دوللار بولۇپ، خىتاينىڭ كاناداغا قىلغان ئېكىسپورتى كانادانىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىدىن 4 ھەسسە كۆپ. دىپلومات برىئان مكادام: "سىز خىتاينىڭ كانادانىڭ ئىككىنچى سودا شېرىكىگە ئايلانغانلىقىنى كۆپ ئاڭلايسىز. ئەمەلىيەتتە خىتاي كانادادىن مۇستەملىكە ئورنىدا پايدىلانماقتا. بىزدىن سېتىۋالغان خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ، تەكرار بىزگە ساتماقتا. كانادانىڭ خىتايغا ئېھتىياجى يوق، ئەمما خىتاينىڭ كاناداغا ئېھتىياجى بار " دەيدۇ.

2 - ئەپسانە

شىرىن خىيالنىڭ ئىككىنچىسى بولسا، خىتايدا 1مىليارد 300 مىليونلۇق ئىستېمالچى بار ئەپسانىسى. برىئان مكادام بۇنى ئۇخلىماي چۈش كۆرۈش دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇ خىتايدىكى بىر مىلياردقا يېقىن دېھقاننىڭ ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى 300 مىليون كىشىنىڭ ھەقىقىي ئىستېمالچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا، كەڭ كۆرۈلۈۋاتقان غەربكە پايدىسىز قىزىل رەقەمگە، ئاساسلىقى خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان تۆۋەن ئىش ھەققى، مەھبۇسلارنى ئىشقا سېلىش،سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئاياق - ئاستى قىلىش قاتارلىقلارنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

3 - ئەپسانە

شىرىن خىيالنىڭ ئۈچىنچىسى بولسا 'خىتاي دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ' ئەپسانىسىدۇر. برىئان مكادام: "سودا ھەرگىزمۇ خىتايغا دېموكراتىيە ئېلىپ كەلمەيدۇ شۇنداقلا سودا خىتايغا سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئەركىنلىكى ئېلىپ كەلمەيدۇ. تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقى ۋە بۇ يىلقى تىبەتتىكى ۋەقەلەر بۇنى ئىسپاتلىدى" دەيدۇ. ئۇ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن يەنە 100 يىل كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ دېگەن سۆزلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

4 - ئەپسانە

شىرىن خىيالنىڭ تۆتىنچىسى بولسا، 'خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ياخشىلاندى ئەپسانىسىدۇر. برىئان مكادام: "خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش نىيىتى يوق. ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ زىيارەتچىلىرى ئۆيلىرىگە بېرىپ بولغىچە، خىتاي پۇقرالارنى باستۇرۇشنى باشلىدى. ھەتتا خىتاي دائىرىلىرى، كانادادا خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى قورقۇتۇش ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى جاسۇسلۇققا سالماقتا. پەن - تېخنىكا خادىملىرى، سودىگەرلەر ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى ئۆمەكلەرنى جاسۇسلۇق ئۈچۈن كاناداغا ئەۋەتمەكتە "دەيدۇ.

برىئان مكادام سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادادىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

5 - ئەپسانە

شىرىن خىيالنىڭ بەشىنچىسى بولسا، خىتاينىڭ دوستانىلىقى ۋە سەمىمىيلىكى ئەپسانىسىدۇر.

برىئان مكادام: "خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى تىز ئارىدا يۇقىرى تېخنىكىغا ئىگە بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇشنى ۋە دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىقىشنى خىيال قىلماقتا. بەزى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مىليارد دوللارلىق سودىنى دەپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سانائەت ۋە ھەربىي مەخپىيەتلىكلەرنى ئوغرىلاش ھەرىكەتلىرىگە كۆز يۇمماقتا "دەيدۇ. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ۋە كانادا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي خىراجەتنى يىلدىن - يىلغا ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.

ماقالىدە يەنە، دىپلومات برىئان مكئادامنىڭ خىتايلارنىڭ كانادادىكى جىنايى ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادادىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كانادا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكى، ئەمما كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىغا سەل قارىغانلىقى، ستېپھېن ھارپېر ھۆكۈمىتىنىڭلا بۇ مەسىلىلەرگە جىددىي مۇئامىلە قىلغانلىقى قاتارلىقلارمۇ بايان قىلىنىدۇ.