قەھرىمان غوجامبەردى: "بۇشنىڭ رابىيە خانىمنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك كۆرىشىنى قوللىغانلىقى"

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىيونى قەھرىمان غوجامبەردى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ئىككىنچى قېتىم قوبۇل قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.06
Rabiye-bush-sohbet-305 ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﯘﺵ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2007 - ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻧﺪﺍ ﭘﺮﺍﮔﺪﺍ. ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﯘﺵ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ.
Photo UAA

 قەھرىمان غوجامبەردى، پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ئىككى قېتىم قوبۇل قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى داۋاسىنى قوللىغانلىقىلا بولۇپ قالماي، رابىيە خانىمغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقى دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالماتادىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.