قەھرىمان غوجامبەردى: "بۇشنىڭ رابىيە خانىمنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك كۆرىشىنى قوللىغانلىقى"

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىيونى قەھرىمان غوجامبەردى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ئىككىنچى قېتىم قوبۇل قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

0:00 / 0:00

قەھرىمان غوجامبەردى، پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ئىككى قېتىم قوبۇل قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى داۋاسىنى قوللىغانلىقىلا بولۇپ قالماي، رابىيە خانىمغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلغانلىقى دەپ كۆرسەتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالماتادىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ قەھرىمان غوجامبەردى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.