ئۇيغۇر مىللىتى ئاخىرقى نەپىسىنى ئېلىۋاتىدۇ(2)


2006.03.06

CHINA-XINJIANG-MARKET-15.jpg
30 – مارت كۈنى بىر ئۇيغۇر كىشى قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى يېنىدىن ئۆتۈۋاتماقتا. جەمئىيەت بېسىملىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشى جەھەتلەردىكى قولايسىزلىقلار ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنى بالىلىرىنى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشقا مەجبۇر قىلماقتا. AFP

ئاپتور ماقالىسىنىڭ باش قىسمىدا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوز ئانا تىلى ۋە مىللى كىملىكىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە توھتالغان بولسا، كېيىنكى قىسمىدا، ئوز تىلىنى يوقاتقان مىللەتنىڭ زاۋاللىققا يۇز تۇتىدىغانلىغى ۋە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشنىڭ بىردىن بىر ماددى شەرتىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇن مىللى كىملىكىنى يوقىتىپ بولىشى مۇمكىن

ئۇ ماقالىسىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق يازىدۇ:

"ئۆز ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىكى ھاياتلىق شارائىتىمىز چەت دۆلەتلەردىن پەرقسىز، يەنى، قارىماققا ئۆز يۇرتىمىزدەك قىلغىنى بىلەن، يەنىلا ئۆز يۇرتىمىزدا مۇساپىر، ھوقۇقسىز. تىلىمىزنىڭ ھاكىمىيەت تىلى ھېساپلانمايدىغانلىقى، نوپۇس نىسبىتىدىكى قورقۇنۇچلۇق پەرقلەر ئۇيغۇرلار ياشايدىغان چەت مەملىكەتلەر بىلەن ئوخشاش بولسا، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى ئىكەنلىكى، ئىشتاھاسىنىڭ ھەرقانداق كونا ـ يېڭى مۇستەملىكىچىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى، زورلاش مېتودىنىڭ قەبىھلىكى، ئانا تۇپرىقىمىزنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا بولغان جىددىي ئېھتىياج قاتارلىق ئامىللار، باشقا مەملىكەتلەرگە قارىغاندا ئارتۇق بولۇپ، ھەتتا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار مىللىي كىملىكىدىن يوقىلىشتىن بۇرۇنراق، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار مىللى كىملىكىدىن ئايرىلىپ بولىشى مۇمكىن..

تىلنىڭ يوقۇلىشى - مىللەتنىڭ يوقىلىشى بولۇپ ھەساپلىنامدۇ ؟

مىللىي يوقىلىشىمىزغا مۇۋاپىق تۇپراق ۋەتەن ئىچىدىمۇ، ۋەتەن سىرتى – قېرىنداش قوشنا ئەللەردىمۇ خىتاينىڭ مەقسىدىگە خوپ چۈشكەندىن باشقا، ئۆزىمىزدىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىچكىي شەرتلىرىمۇ خىتايلارغا ئوڭ كېلىدىغان ھالەتتە تۇرماقتا.

غۇلام ئەپەندى ماقالىسىدا تىلنىڭ يوقىلىشى –مىللەتنىڭ يوقۇلىشىنى ھەساپلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارىدۇ. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەنىڭ بۇرۇنقى مۇستەملىكىسى بولغان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ئوز ئانا تىلىنى ئاساسەن يوقىتىپ، ھازىر ئىسپانچە ۋە پورتۇگالچە سۆزلىشىدىغانلىغى، 37 مىليون نوپۇسلۇق ئىسپانىيىنىڭ تېشىدا 350 مىليون ئىنساننىڭ ئىسپان تىلىنى ئىشلىتىدىغانلىغى، 12 مىليون نوپۇسلۇق پورتۇگالىيە سىرتىدا، 190 مىليون ئىنساننىڭ پورتۇگالچە سۆزلىشىدىغانلىغىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقى تىلى ئىسپانچە ۋە پورتۇگالچە بولغانلىغى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئىسپان، پورتۇگال دەپ ئاتايدىغانلىغى قاتارلىقلارنى مىسالغا ئالىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ مىللى كىملىكىنى يوقىتىش

غۇلام ئەپەندى ماقالىسىدە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى تىلىنى يوقىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مىللى كىملىكىنى ئوزگەرتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىغى ھەققىدە توختىلىپ:

"تىلنىڭ بىرلىكىدىن تەبىئىي شەكىللىنىدىغان ھېسىيات بىرلىكى، مەدەنىيەت بىرلىكى، ئېستېتىك ئۆلچەملىرىدىكى ئورتاقلىق، تەدرىجىي ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە بولغۇچى مىللەت ئەزالىرىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى قوبۇل قىلىش ئورنىغا ئۆتىدۇ. خىتايلارنىڭ كۆزلەۋاتقىنىمۇ دەل ئەنە شۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر جەمەتىدىن بولغان ئەرەپلەشكەن بىر كىشى، ياكى بۈگۈنكى كۈندە ئەنجاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھېچ قىزىقمايدۇ؛ ئىنسان گەرچە ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشلىرىنى ئاسان ئۇنتۇپ قالمىسىمۇ، لېكىن، ئۆزى ياشاۋاتقان زاماندىكى مەۋجۇدىيىتى نىمە بولسا، شۇنىڭغا بولغان سۆيگۈسى ھەممىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىغان بولسا، بۈگۈنكى ۋېنگىرلار، فىنلار،... بىز بىلەن بولغان يىلتىزداشلىقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن جان كويدۇرمەيتىمۇ؟ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمەتىدىن كەلگەن ئاتالمىش يېڭى "ئۆزبىكلەر" ئۆزلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۇنتۇپ قالغىدەك ئۇزاق زامان ئۆتمىگەن، ئەمدىلا بىر ئەۋلاد ئۆتكەن ياكى تېخى تولۇق ئۆتمىگەن بولىشىغا قارىماي، بۇنداق بىر يىلتىزىغا تارتىشىش خاھىشىنى ئىپادىلىمەيۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تىلنى يوقىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىۋاتىدۇ،" دەپ يازىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ يوقىلىشى تارىخىي مۇقەررەرلىكمۇ؟

غۇلام ئەپەندى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشىنىڭ شەرتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولمىسا، ئۇنىڭ يوقىلىشى مۇقەررەر! پەقەت قالدى ئىش ۋاقىت مەسىلىسى - يا بالدۇر يا كېيىن؛ ئەمما ئاخىرقى نەتىجە بىرلا، ئۇ بولسىمۇ يوقىلىش! بىر فرانسۇز رۇس دۆلىتى ئىچىدە ياشىسا مۇقەررەر رۇسقا ئايلىنىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭ فرانسۇز بولۇپ تۇرىشىنىڭ شەرتى مۇتلەق بىر فرانسىيە دۆلىتى؛ بىر تۈركنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ شەرتىمۇ بىر تۈركىيەنىڭ بولىشى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، بۈگۈنكى دۇنيادا ئىقتىسادىي رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشى، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ راۋانلىشىشى بىلەن بەزى كۈچلۈك دۆلەتلەر تىلىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ھۇجۇمى قىلىۋاتقان ۋە دۆلەت ھالقىپ ھاكىم تىل ئورنىغا چىقىۋاتقانلىغى، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، دۆلىتى بولمىغان، يەنى مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم ماددىي شەرتىدىن مەھرۇم بولغان مىللەتنىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مۇستەملىكىچىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدىكى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ھەققىدىكى خىياللارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ئوتوپىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتى ئاتوم بومبىسىدىنمۇ خەتەرلىك ۋە قورقۇنۇچلۇق

غۇلام ئەپەندى خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەشتىن ئىبارەت يوقىتىش سىياسىتىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىنى توغرا تۇنۇش كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ:

مىللىي يوقىلىشىمىزغا مۇۋاپىق تۇپراق ۋەتەن ئىچىدىمۇ، ۋەتەن سىرتى – قېرىنداش قوشنا ئەللەردىمۇ خىتاينىڭ مەقسىدىگە خوپ چۈشكەندىن باشقا، ئۆزىمىزدىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىچكىي شەرتلىرىمۇ خىتايلارغا ئوڭ كېلىدىغان ھالەتتە تۇرماقتا. تەشكىللىك قارشىلىق، ئىستىخىيىلىك قارشىلىق، يوقىلىشقا تىرەجەش روھى بولمىغاندىن تاشقىرى، خەتەرنىڭ دەرىجىسىنى توغرا مۆلچەرلەنمىدى. خەتەرنىڭ دەرىجىسىنى توغرا تونۇماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا لايىق قارشىلىق روھى شەكىللەنمەيدۇ! خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسى ئۇ قەدەر قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ئىدى، ئەمما بۇ يوقىتىش سىياسىتى نەچچە ھەسسە خەتەرلىك ۋە قورقۇنۇچلۇق!

غۇلام ئەپەندى ماقالىسىدا ئۇيگۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيەتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە بىردىن بىر ماددىي شەرتىنىڭ – مۇستەقىل دۆلىتى بولۇش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. كامىل تۇرسۇن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.