غۇلجىدا يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەش ھەققىدە ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى

ئىلى ئوبلاستىدىكى ئاپەت رايونلىرىدىن بىرى بولغان غۇلجا ناھىيىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز ئىنكاسلىرىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

خىتاي يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شۇ جاينىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6 دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيىسى ۋە توققۇزتارا ناھىيىسى تۇتاشقان جايدا 6.0 بال يەر تەۋرىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئورنىنىڭ شىمالىي كەڭلىك 43.6°،شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.4° كە توغرا كېلىدىغانلىقى ۋە بۇ جاينىڭ توققۇز تارا ناھىيىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر، ئېلى ئوبلاستىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 94 كىلومېتىر ئىكەنلىكى، ئاپەتتىن كېيىن غۇلجىدا تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

yer-tewresh-tosalghan-yol-385.jpg
كۈنەس ناھىيىسىدىكى 218-دۆلەت تاشيولىنىڭ يەر تەۋرەشتە توسۇلۇپ قالغان كۆرۈنۈشى. 2011-يىلى 1-نويابىر. (Ismini ashkarilashni xalimighan mushterimiz teminligen)

خەۋەردە يەنە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە، تاغ گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، كۈنەس ناھىيىسىدىكى 218-دۆلەت تاشيولىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقى، غۇلجا تەۋەسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ 28 مىڭغا يەتكەنلىكى، دەز كەتكەن ئۆينىڭ 824 ئېغىز ئىكەنلىكى، 3800 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، ئىقتىسادىي زىياننىڭ 66.91 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئەمما خىتاي خەۋەرلىرىدە رايوندىكى ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغىچە باشقا دوكلات بېرىلمىدى.

يەر تەۋرەش مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان غۇلجا ناھىيىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار يەر تەۋرەشنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بايان قىلىپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ خۇدىيار يۈزى، كېپەكيۈزى، ئونيار، قاش، تۇرپانيۈزى يېزىسى قاتارلىق يېزىلاردىكى سوقما تام قىلىپ سېلىنغان كونا ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىنى ۋە بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ دەز كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرىگەن ۋاقىت سەھەر ۋاقتىغا توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، بامدات نامىزى ئۈچۈن تەييارلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا ئويغاق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تالاغا چىقىپ كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلغان بىر دېھقان، يەر تەۋرىگەندە ئۆيلەرنىڭ قاتتىق سىلكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇر، غۇلجىدىكى تېلېۋىزور خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرغىچە ئانچە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ تېلېفون ھەم باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرى ئارقىلىق بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن جىق ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، كۈنەسنىڭ قارا بۇغرا يېزىسىدا يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن يارىلىنىشنىڭ خېلى ئېغىر ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلى ئوبلاستىنىڭ خەۋىرىدە، يەر تەۋرەش مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان كۈنەس ناھىيىسىنىڭ قارابۇغرا يېزىسىدا 50 نەچچە ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، 500 نەچچە ئېغىز ئۆيگە چاك كەتكەنلىكى، ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

بىز يەر تەۋرەش نىسبەتەن ئېغىر بولغان كۈنەس ناھىيىسىنىڭ قارا بۇغرا يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفون ئۇلانمىغىنى ئۈچۈن بۇ يېزىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ھەققىدە باشقا ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالمىدۇق.

خۇدىياريۈزى يېزىسىدىكى بىر نەپەر يېزا كادىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە كۈنەس ناھىيىسىنىڭ قارا بۇغرا يېزىسىدا ئاپەتنىڭ بىرقەدەر ئېغىر بولغانلىقىنى، ئەمما كونكرېت ئەھۋالنىڭ رادىئو، تېلېۋىزورلاردا خەۋەر قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يېزا كادىرى يەنە يەر تەۋرەش مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان خۇدىياريۈزى يېزىسىدا 400 ئېغىز ئۆيگە دەز كەتكەنلىكىنى، يېزا كادىرلىرىنىڭ 1-نويابىر يەر تەۋرىگەندىن بۇيان ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇ يېزىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارغا ياردەم تەدبىرلىرىنىڭ تېخى باشلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئىلى رايونىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى ئېلىپ بېرىپ، ئاپەت رايونىغا 200 چېدىر تىكىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا 1000 دانە يوتقان، كىيىم -كىچەك ھەم ئاياق قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپەتتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە كونكرېت مەلۇمات بېرىلمىدى.