خىتاي دائىرىلىرى بۇلاق دادامتۇدا كۆپلىگەن ياشلارنى قولغا ئالدى

ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى قانچىلىك كىشىنى قولغا ئالغانلىقى، ئۇلارنى نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاخباراتلارغا ئېنىق ئۇچۇر بەرمەي كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىدىكى باشقا شەھەر، ناھىيىلەردىن ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ گۇمان بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى قولغا ئالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمزغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى غۇلجا شەھىرى بۇلاق دادامتۇ كەنتىدىن تۇرغۇن پولات، قاسىمجان سېتىۋالدى قاتارلىق بىر قىسىم ياشلارنى گۇمان بىلەن قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان مۇددەتتە تۈرمە جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان، بەزىلىرىنى بولسا تېخىچە ھۆكۈمسىز سولاپ قويغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.