غۇلجا ناھىيىسىدە چارۋىچىلار ۋە دېھقانلار كان بايلىقلىرىنى ئېچىش مەقسىتىدە كۆچۈرۈلمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.04.05
2010.04.05
AFP Photo
2009 - يىلدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەر غۇلجا ناھىيىسى بىلەن رايوندىكى كان بايلىقلىرىنى ئېچىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 2009 - يىلىدىن باشلاپ، غۇلجا ناھىيىسىنى ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيىسىدىن سانائەت ناھىيىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىنىشقا باشلىغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2010 - يىل 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەردىن، 2003 - يىلدىن بۇيان ناھىيىگە مەبلەغ سېلىپ كېلىۋاتقان "جىنچۈەن ئالتۇن چەكلىك شىركىتى"دىن باشقا، 2009 - يىلدىن باشلاپ "بېيجىڭ چىڭخۇا گۇرۇھى"، "خېنەن كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى" قاتارلىق شىركەتلەر ناھىيىدە ئايلانما ئىقتىساد سانائەت رايونى قۇرۇشقا مەبلەغ سالغان. 2009 - يىلى ناھىيە بويىچە سانائەت سېلىنمىسى 3 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بولغان بولسا، 2010 - يىلىغا كەلگەندە ناھىيە بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان چوڭ سانائەت تۈرلىرى 18 تۈرگە يېتىپ، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 38 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كارخانىلار غۇلجا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى كان بايلىقلىرىدىن ئەسلىدىكى كۆمۈر زاپىسىغا مەبلەغ سالغاندىن باشقا، ناھىيە تەۋەسىدىكى 11 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىرلىق كۆمۈر گازى زاپىسى، 600 مىڭ توننىلىق كۆمۈر كوكس مېيىنى ھىدروگېنلاش تۈرى، 50 توننا ئالتۇن زاپىسى، 2 مىليون توننىلىق كۆمۈر كۈلىدىن سېمونت ياساش تۈرى ۋە بىرىكمە ئاممىياك، ئىسسىقلىق ئېلىكتىر ئىستانسىسى، ئىلى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ 900 مىڭ توننىلىق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانى تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرى قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالغان. بۇندىن باشقا رايوندا يەنە ئالتە كرېمنىي كاربد، سانائەت كرېمنىيسى چارلاپ ئېنىقلانغان. قوغۇشۇن، سىنك، مىس قاتارلىق رەڭلىك مېتاللار زاپاسلىرى بولسا چارلاپ ئېنىقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل، خېبېي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بەزى كارخانىلارمۇ غۇلجا ناھىيىسىدە بۇ تۈرلەرگە مەبلەغ سالماقتا ئىكەن.
ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بۇلتۇردىن باشلاپ، غۇلجا ناھىيىسى تەۋەسىدە ئەسلىدىكى پىلىچى خاڭنى مەركەز قىلغان ھالدا، رايوندا چارۋا بېقىۋاتقان چارۋىچىلارنى ۋە بىنەمدە بۇغداي تېرىۋاتقان دېھقانلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈشكە باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جايلاردا ھازىرغىچە 1 - باسقۇچتىكى 5.6 كۋادرات كىلومېتىرلىق سانائەت رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ، 80 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق ئىشخانا، تۇرمۇش، پەن تەتقىقات بىنالىرى پۈتۈپ، ئاساسلىق ئۈسكۈنىلەرمۇ زاكاز قىلىنغان.
بىز غۇلجا ناھىيىسىدە قۇرۇلۇۋاتقان "ئايلانما ئىقتىساد سانائەت رايونى" قۇرۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك، چارۋىچىلارنىڭ ھەم تاغ باغرىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەھۋالنى دەلىللەش ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
تېلېفونىمىزنى ئالغان دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان غۇلجا ناھىيە تەۋەسىدىكى تاغلاردا چارۋا بېقىۋاتقان قازاق چارۋىچىلار ھەم تاغ باغرىدىكى بىنەم يەرلەردە بۇغداي تېرىيدىغان دېھقانلار ئۆز يەرلىرىدىن كۆچۈرۈلمەكتە ئىكەن.
ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان بىر دېھقان، تاغلاردىكى چارۋىچىلار ھەم تاغ باغرىدا بىنەم يەرلىرى بار دېھقانلارنىڭ كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەم سانائەت رايونلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.
كان رايونىغا قاراشلىق قارىياغاچ يېزىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ بۇلتۇر باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل ئۇلارنى كۆچۈرۈپ بارغان يەردىن يەنە زور مىقداردىكى كان بايلىقى تېپىلغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنى يەنە باشقا جايغا كۆچۈرۈدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان يەنە بىر دېھقان ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ دېھقان يەنە، ھازىر ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كان رايونىغا يېقىن يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ھۆكۈمەتكە سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، گەرچە بىر قىسىم دېھقانلار بۇنىڭغا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ناھىيىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان پويىز لىنىيىسىنى غۇلجىغا تۇتاشتۇرۇش پىلانى بۇلتۇر تاماملانغان بولۇپ، ھازىر غۇلجا ناھىيىسىدە قۇرۇلۇۋاتقان ئايلانما ئىقتىساد سانائەت رايونىدىن كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى پويىز ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلماقتا ئىكەن. بىر دېھقان پويىز يولى لىنىيىسى ۋە ئۇنىڭدا توشۇلۇۋاتقان ئەسلىھەلەر ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.
ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنجاڭ خەۋەرلىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 3 - ئاينىڭ 29 - 30 - كۈنلىرى بېيجىڭدا "شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللاش" يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى تەكىتلەش بىلەن بىللە رايوندىكى بايلىقلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ ئېچىش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.