سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى غۇپۇر تۇەنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: " غۇپۇر تەنجاڭ ئەسلىدە سابىت داموللامنىڭ ئىنقىلابىدا ئەسكەر ئىكەن. 1934 - يىلى باھاردا خوجىنىياز ھاجىم قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن سابىت داموللامنى تۇتۇشقا بۇيرۇق قىلغاندا، 30 كىشىلىك بىر ھەربىي گۇرۇپپا سابىت داموللامنى تۇتۇش ئۈچۈن بارغان ئىكەن. مانا مۇشۇ 30 كىشىلىك ھەربىي گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى تارىختىكى مەشھۇر غۇپۇر تۇەنجاڭ دېگەن كىشى ئىكەن. بۇ كىشى شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئانا ۋەتەندىن قېچىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىۋالغان ئىكەن. ھازىر بۇ يەردە بۇ كىشىنىڭ نەۋرە - چەۋرىلىرى ھەممىسى بولۇپ، 5 - ئەۋلادقىچە بار.
غۇپۇر تۇئەنجاڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىشى
ئانا ۋەتەندە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىنقىلابى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا 1937 - يىلى بۈيۈك قوماندان مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىرگە كەلگەنلىكى مەلۇم. بۇ كىشى شۇ كەلگەنچە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يەرلىشىپ قالغان ئىكەن. ئۆزى ئۇرۇق كەلگەن، ئىككى كۆزى قىپقىزىل، ۋۇجۇدىدىن ئەسكەرلىكى چىقىپ تۇرىدىغان، ئاچچىقى يامان، تېتىك ئادەم ئىدى. ھەتتا خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىنقىلابىدىن ئەللىك نەچچە يىل كېيىن ئۆزى 87 ياشقا بېرىپ قالغان ۋاقتىدىمۇ ئۆزى تېتىك، ساغلام ئىدى. ھەرەمگە ئۆزى مېڭىپ بېرىپ، مېڭىپ كېلەتتى. بۇ كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا غۇپۇر ھاجىم دەپ تونۇلغانلىقتىن، ئۇ كىشىنىڭ سابىت داموللامنى قولغا ئالغان غۇپۇر تەنجاڭ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن. بىلگەن بولسام ئەلۋەتتە شۇ ۋاقىتتىكى ۋەقەلىكلەرنى سورىغان بولاتتىم. ھازىرمۇ نەۋرە - چەۋرىلىرىدىن بەزى مەلۇماتلارنى ئالغىلى بولىدۇ ."
غۇپۇر تۇئەنجاڭنىڭ ۋاپاتى
ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، غۇپۇر تۇەنجاڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ مەسفەلە مەھەللىسىدە ئولتۇرغان بولۇپ، بىرلا قىز پەرزەنتى بار ئىكەن. ھازىر شۇ قىزىنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ يۈزگە يېقىن كىشىلىك بىر ئائىلە بولۇپ قالغان. غۇپۇر تۇئەنجاڭنىڭ بىر نەۋرىسى ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاندا پلوت ئىكەن. غۇپۇر تەنجاڭ 1989 - يىلنىڭ باشلىرىدا ۋاپات بولغان ئىكەن.
