گېرمانىيە،گۇئانتانامودىكى مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلاشماقتا

ئامېرىكا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ۋە 20‏ - نويابىر كۈنى جورج بۇشتىن ئامېرىكا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالىدىغان باراك ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى ھارپىسىدا بەرگەن باياناتلىرىدا گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى دەپ جاكارلىغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺕ
2008-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﮔﯘﻩﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻗﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﮔﯘﻩﻧﺘﺎﻧﺎﻣﻮ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻗﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرگەن گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا باراك ئوباماغا ياردەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسىمىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى گۇنتەر نوك شەنبە كۈنى باياناتىدا، گېرمانىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئامېرىكا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان باراك ئوباماغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىشقا چاقىردى. گۈنتەر نوك فرابكفۇرتەر رۇندشاۋ گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، " گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ، گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇشى كېرەك،" دېگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ باشلىقى باربارا لوخبىلەر گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن ھېچقانداق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، "گېرمانىيىدە بىر ئۇيغۇر جامائىتى بار، شۇڭا گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ بۇ دۆلەتتە يېڭى بىر ھايات باشلىشى ئاسان بولىدۇ" دېگەن ئىدى.

بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى بولسا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى توماس شتىگ دۈشەنبە كۈنى بېرلىندا بەرگەن باياناتىدا، گېرمانىيە گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش ۋە مەزكۇر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باراك ئوبامانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش توغرىسىدا بىر پىلان تەييارلاشقا باشلىغان. لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش ئۈچۈن گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ بېكىتىلگەن ئەمما ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلىشى مۇمكىن بولمىغان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ مەسىلىسى بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى بىر تەرەپ بولماي، ئۇلارنى ئامېرىكا ياكى باشقا بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرماي تۇرۇپ گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقاش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

نۆۋەتتە گۈەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە 250 ئەتراپىدا مەھبۇس تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 50 ئەتراپىدا مەھبۇس قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك كىشىلەر دەپ بېكىتىلگەن . لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 17 نەپىرى ئۇيغۇر بولغان بۇ مەھبۇسلارنى دۆلەتلىرىگە قايتسا جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرماي، ئۇلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

ئۆكتەبىر ئېيىدا ۋاشىنگتون رايونلۇق ئامېرىكا فېدېرال سوت مەھكىمىسى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. ئەمما ئامېرىكا فېدېرال ئەرزىيەت سوتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ۋاشىنگتون رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت