دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى گېرمانىيىدە نامايىش

12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمى باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىمۇ ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي زۇلمىغا قارشى ئىدىيىلىرىنى ئىپادىلەپ، خىتاينىڭ مىيۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2008.12.11
Gir-UN-60-namayish-305.jpg ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎﻧﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 60 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﯩﻴﯘﻧﺨﯧﻨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Ekrem

خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ شۇئار توۋلاۋاتقان نامايىشچىلار يەنە، "كۈنىمىزدە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى" ناملىق تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى ئەتراپتىكى ئاممىغا تارقاتتى.

بۇ تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇملىرى پاش قىلىنغاندىن سىرت، 2008 - يىلى ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن.

17 - يانۋار كۈنى 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 5 - فېۋرال كۈنى 18 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 3 - ئايدا 700 نەپەر ئايالنىڭ خوتەندە نامايىش قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقى، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىن كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىزاھلانغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.