0:00 / 0:00
بۇ پائالىيەتنى باش شىتابى گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئەر - ئايال، ياش - ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.
د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رەئىسلىكىدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى ۋە ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندى رەئىسلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خادىملىرىمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.