گېرمانىيىنىڭ كونىستىتانت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى بېرلىندا ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ كۇرس ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ خەلقارا قانۇننى ئۆگىنىش كۇرسىلا بولۇپ قالماي، يەنە بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش پۇرسىتى بولغان ئىدى.

0:00 / 0:00

مانا بۇلاردىن بىرى بولغان گېرمانىيىنىڭ كونىستىتانت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن خانىم، بۈگۈن ئۆز مەكتىپىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا، ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ئەزاسى ئۈمىد ئاگاھىي ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئۈمىد ئاگاھىي ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان چېگرىسى زېمىن چېگرىسى، قان چېگرىسى ۋە مەدەنىيەت چېگرىسىدىن ئىبارەت 3 تۈرلۈك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە نۆۋەتتە ئىشغال قىلىنمىغىنى يەنى قىلىشقا مۇمكىن بولمىغىنى قان ۋە مەدەنىيەت چېگرىسىدۇر. ئۈمىد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەتنى تارتىشنىڭ مۇھىم يوللىرىدىن بىرى.

ئۈمىد ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىن تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىدا بولۇش يەنى جۇغراپىيە جەھەتتىن مەركەزدىن ئەڭ ئۇزاقتا بولۇشتىن باشقا، ئىككى مىللەت فىزىكىي قۇرۇلۇشىنىڭ يەنى چىراي -شەكلىنىڭ ئالاھىدە پەرقلىق بولۇشنىڭمۇ بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تارىخىي چېگرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتەرلىك پاكىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۈمىد ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلار خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كېلەلىسىلا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەقلىق بىر داۋا ئىكەنلىكىنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈشنىڭ تەس ئىش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.