گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى قانۇنى تەستىققا ئېرىشتى

2008 - يىلى 27 - ئىيۇل كۈنى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھرىدە قۇرۇلغان "گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى" تەشكىلاتى، 30 - سېنتەبىر كۈنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، رەسمىي بىر قانۇنىي تەشكىلاتقا ئايلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2008.10.09

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش بىلەن بىرگە، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ بۇ تەشكىلاتقا بولغان باھاسى ۋە ئۈمىدلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىغا ئېرىشتۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ ئەيسا ئەپەندى ۋە دولقۇن ئەپەندىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.