0:00 / 0:00
گوللاندىيە ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن بۇ ھېيت يىللاردىكىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتتى، چۈنكى ئامستېردامدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن يېڭىلا قۇرۇلغان ئالتاي مەسچىتىدە تۇنجى ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى غەيرەت ئەپەندى ھەمدە گوللاندىيىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر مەسچىتى بولغان ئالتاي مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇللا قارى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ مەزمۇنلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.