گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلاشماقتا

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئوت يۈرەك ياشلار پىداكارلىق كۆرسىتىپ 25 - ئىيۇل ئامىستىردام شەھىرىدە مۇزاكىرە ئويۇشتۇردى. مۇزاكىرىدە نۆۋەتتە دۇچ كىلىۋاتقان ئىلتىجاچىلارنىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسى، يوقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كىلىۋاتقان مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئەخلاقى جەھەتتە تەربىيىگە مۇھتاج بولۇۋاتقان ياشلارغا تەربىيىۋىي خىزمەت ئىشلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش جىددىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ جىددىي تەقەززاسى ۋە ئەھمىيىتى چۈشەندۈرۈلدى.

0:00 / 0:00

كۆپچىلىكنىڭ سەمىمىي پىكىر - تەكلىپلىرى يىغىن قاتناشچىلىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ تارىخى يېڭى بەت ئاچتى. نەتىجىدە گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى بىلەن گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى ھېمايە قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىلاتى بىرلەشتى ۋە بۇندىن كېيىنكى كونكرېتنى خىزمەتلەر ھەققىدە بىر لاھىيە تۈزۈپ چىقىپ، ئورتاق ئاۋاز بىلەن ئىجرا قىلىشقا قويىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.

ئاخىرىدا ھەممە بىردەك پىكىر بايان قىلىپ، گوللاندىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ شەرتسىز ئىتتىپاقلىشىش، دۇچ كىلىۋاتقان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش يولىدا زىچ ھەمكارلىشىش، ھەرساھە ئىقتىدار ئىگىلىرى مەسئۇلىيەتچان بولۇش ۋە بارلىق ئۇيغۇرلار ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئىزچىل ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە ۋەدىلەر بىرىلدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىغىن ئەھلىنى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.