16 - ئۆكتەبىر نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بېرىلگەن ماقالىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ گۇەنتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان 3 - بىر دۆلەت تېپىش تىرىشچانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئارىسىدا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ياكى ئەمەسلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تالاش - تارتىش سەۋەبىدىن ئاقساپ قالغان.
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، سودىيە ئۇربىنا 7 ئۆكتەبىر گۇەنتانامو ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كىيىن، بۇش ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت تېپىش قەدىمىنى تېزلەتكەن.
ئەمما، ھۆكۈمەت ئىچىدە مەيدانغا چىققان پىكىر ئىختىلاپى تۈپەيلى، بۇ ئىش ئۈستىدە سۆھبەتكە قاتناشماقچى بولغان بىر نەپەر ئامېرىكا دىپلوماتى 13 - ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇن ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىش پىلانلانغان بىر خەلقئارالىق ئۇچرىشىشنى بىكار قىلغان.
گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېلىشقا قىزىقتۇرۇشقا مەسئۇل ئامېرىكا دىپلوماتى كلىنت ۋىليامسون بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يوللىغان سوت ماتېرىيالىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ " جەمئىيەتكە تەھدىت سالىدۇ " دەپ سۈرەتلىنىشى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان باشقا دۆلەت تېپىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ قويغان.
ماقالىدە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، كلىنت ۋىليامسون: "مەن بۇ ھەپتە بېشىدا يەنە بىر نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە سۆھبىتىگە يولغا چىقماقچى ئىدىم. بىز ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاچقا، مەن سەپەرنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم" دېگەن ، ئەمما بۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدە قايسى دۆلەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى ئېيتمىغان. ھالبۇكى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە توختىلىشنى رەت قىلغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، سوتچى ئۇربىنانىڭ ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى ھەربىي بازىسى گۇئانتاناموغا قامالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا تەھدىت ئەمەس دەپ قاراپ ۋاشىنگتون رايونىغا قويۇۋېتىش كېرەك دەپ چىقارغان بۇيرۇقى ئاقسارايغا نىسبەتەن مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، ئاق ساراي مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىشكە باشتىن - ئاياق قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.
سوتچى ئۇربىنا 7 - ئۆكتەبىر گۇئانتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى دەرھال ئامېرىكىغا قويۇۋېتىش ھۆكۈمىنى چىقىرىپ ئەتىسى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ سوتچى ئۇربىنانىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان ھەمدە شۇ ئەسنادا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سوتچى ئۇربىنا ئەپەندىنىڭ قارارى ئۈستىدىن ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز سۇنۇشقا مۇۋەپپەق بولالىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتى 17 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى سوتچى ئۇربىنانىڭ قارارىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ۋە ياكى توختىتىپ قويۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەرنى دەرھال تېپىپ، سوتچى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھازىر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئېلىشىنى خالايدىغان باشقا بىر دۆلەت تېپىش جەھەتتە ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.
گەرچە ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى دۈشمەن جەڭچى ئەمەس دەپ ئاقلاپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان خىتايدىن باشقا بىرەر دۆلەتنىڭ بولماسلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.
گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى خىتايغا قايتۇرۇلسا، خىتايدا ئېغىر قىيناشقا ، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراپ كېتىش خەتىرى بولغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ھازىر گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى مەسىلىسى نۇرغۇن تەنقىدچىلەر ئەڭ دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ماقالىدە نەقىل قىلىنىشىچە، شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىشتە سۇسلۇق قىلىشى ھەققىدە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى جېنىفېر داسكال خانىم ھۆكۈمەت ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدا بولماستىن، بەلكى مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت خاتالىقىنىڭ جانلىق ئەسلەتمىسى بولۇپ قېلىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا ھاكىمىيەت ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ئۈستىدە كېلىپ چىققان تالاش - تارتىشلار ھەققىدىكى ماقالىلەر ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىندى.
