قەشقەردە «گۇاڭجۇ يېڭى شەھرى» نىڭ قۇرۇلۇش پىلانى كىشىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالىدۇ

ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن يېڭى شەھەرچىلەرنى قۇرۇپ، ئاھالە كۆچۈرۈش پىلانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە باشلىغان «ھالقىما تەرەققىيات» ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم پارچىسىدۇر.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.04.18
Xitay-cheqiwatqan-Qeshqer-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﭘﺎﺋﯘﻝ ﻣﻮﺯﻭﺭﻧﯩﯔ 15 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.asiasentinel.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدە 6 مىڭ مو يەر ئاجرىتىپ قۇرماقچى بولغان «گۇاڭجۇ يېڭى شەھەر» قۇرۇلۇشىدا 14-چېسلا رەسمىي ئىش باشلاندى. مەزكۇر شەھەرچىگە گۇاڭجۇ شەھەرلىك دۆلەت بايلىقى كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى گۇاڭجۇ قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، گۇاڭجۇ تۈرلۈك ماللار كارخانا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، دائىرىلەر 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

توققۇزاق ناھىيە بازىرىنىڭ تەخمىنەن 4-5 كىلومېتىر سىرتىدىكى ۋە قەشقەر شەھىرىگە تەخمىنەن 9-10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەزكۇر شەھەرچىنىڭ توققۇزاقتىكى ئوغۇساق يېزىسىدا قۇرۇلىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا مەزكۇر يېزىنىڭ 95% ئاھالىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى مەلۇم. «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، توپ تارقىتىش، زامانىۋى تاۋار ئالماشتۇرۇش مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ، ئالىي سۈپەتلىك تاۋار ۋە سودا مۇلازىمىتى، ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانا، مىللىي مەدەنىيەت ۋە تەبىئەت ساياھەتچىلىكى، ئارامگاھى-كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى، ئالاھىدە يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بىر يۈرۈشلەشكەن بىر سودا شەھىرى قۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. كونا شەھەر ناھىيىلىك پارتكوم سېكرېتارى لى شىنچۈئەننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا بۇ قۇرۇلۇش «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە توققۇزاق ناھىيىسى يېزىپ قالدۇرغان يېڭى بىر سەھىپە». لېكىن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىدا يەرلىك خەلقنىڭ ھوقۇقى ۋە تۈپ مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك نازۇك مەسىلىلەردە جاۋاب بېرىلمىگەن نۇرغۇن بوشلۇقلار مەۋجۇت. شەھەرچىنىڭ ئىسمى نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يەرلىك نامى بىلەن ئاتالماي، «گۇئاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى» دەپ نام قويۇلغانلىقى بولسا، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تېرىلغۇ يەر ۋە باغۋارانلىرى ۋەيرانە قىلىنغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كېلەچەك تۇرمۇشى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، قانچىلىك دېھقاننىڭ كۆچۈرۈلىدىغانلىقى، شەھەرچىنىڭ باشقۇرۇش، سودا-تىجارەت ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ يەرلىكلەرگە تېگىش-تەگمەسلىك مەسىلىسى ۋە ياكى شەھەرچىگە قايسى تائىپىلەرنىڭ يەرلەشتۈرۈلىدىغانلىقىغا دائىر ئىشلار يەرلىك ئاھالىلەر ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى جىددىي قايغۇغا سېلىۋاتقان مەسىلىلەر. يۇقىرىقى مەسىلىلەر خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش ھەققىدىكى بايانات ۋە ئۇچۇرلىرىدا ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىگەن ۋە ياكى تىلغا ئېلىنمىغان مەسىلىلەر. بىراق بۇ يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر رېئاللىقتۇر. توققۇزاق ناھىيىسىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەر بىر ئۇيغۇر ياش بىزگە ئۆزىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش مەسىلىسىدىكى قايغۇلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نوپۇسىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار ئاساس قىلىدىغان.

يېزىسىدىكى مەزكۇر قۇرۇلۇش دېھقانچىلىقنى كەسىپ قىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ تىرىكچىلىك يولىنى توسۇپ، ئۇلارنى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا مۇپتالا قىلىشى مۇمكىن.

قەشقەردە قۇرۇلماقچى بولغان «گۇئاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى» خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇشنى پىلانلىغان بىر قانچە يېڭى شەھەرچىلىرىنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن غۇلجا ۋە سۈيدۈڭدىدىكى كونا قورغاس قاتارلىق جايلاردا ئالاھىدە رايون قۇرىدىغانلىقىنى، 2020-يىلغا قەدەر ئۈرۈمچىنىڭ ئاھالىسىنىڭ 5 مىليونغا كۆپەيتىپ، خەلقئارا ئۆلچەملىك ئىككى رايون تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇقىرىقى پىلان خىتاينىڭ 2010-يىلى 5-ئايدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا ئېلىنغان قارارلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسلىق روھى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى تەسىر كۈچىنى قانداق قىلىپ ئاجىزلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، قەشقەر توققۇزاقتىكى شەھەر قۇرۇلۇشنىڭ مەقسىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكىلەرنى قەشقەرگە جەلپ قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، چۈنكى ئاتالمىش «گۇئاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى» دىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىستېمال، ئالىي سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت قەشقەر خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە كىرىمىغا باب كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. توققۇزاقتىكى مەزكۇر قۇرۇلۇش خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش، تېرىلغۇ يەرگە بىنا سېلىپ، شەھەر قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى كۈچەيتكەن بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. ب د ت يېقىندا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر تېرىلغۇ يەرنى ئايىمىسا خىتاينىڭ جىددىي ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. گۇئاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى"نىڭ پۈتۈنلەي پۈتۈپ چىقىشىغا تەخمىنەن 5 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن. دائىرىلەر مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ 3 باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ئاخىرقى باسقۇچىنىڭ 2015-يىلى تاماملىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۆۋەتتىكى مەزكۇر قۇرۇلۇش سەۋەبلىك يېزىدىكى قانچىلىك دېھقاننىڭ تېرىلغۇ يەر ۋە قورۇ جايىدىن ئايرىلىپ، تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يېزا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ قەشقەردىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ زىچ رايون ئىكەنلىكى ۋە بىر مو يەرگە تەخمىنەن 15-20 ئادەم توغرا كېلىدىغانلىقى مەلۇم . بىراق رايوندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشقا نىسبەتەن پوزىتسىيىسى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي قارشى. مەزكۇر ناھىيىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئۇلارنى خۇشاللاندۇرىدىغان بىر ئىش. توققۇزاق ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر كەچلىك دىجورنى خادىمى مۇخبىرىمىزغا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قارىشىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ شەھەرچە 'بالىچياۋدىگەن يەردە قۇرۇلۇۋاتىدۇ، بىر كۆۋرۈكنىڭ قېشىغا. قۇرۇلۇش باشلاپ بولدى. بۇنىڭ پايدىسىز قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ باقمىدىم، پۇقرالارمۇ ئويلىمايدۇ، دەپ قارايمەن. ھازىرقى دەۋر چوڭ ئىناقلىق دەۋرى. بۇ قۇرۇلۇش ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدۇ. بىز بۇ قۇرۇلۇشنى شۇنداق ئويلايمىز. بۇ بىر ناھايىتى ياخشى ئىش.»

لېكىن بۇ خادىم، مەزكۇر قۇرۇلۇش سەۋەبلىك تىرىكچىلىك يولى ۋە تۇرمۇشى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغان يەرلىك دېھقانلارنىڭ ھالى قانداق بولىدىغانلىقى ، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىغا دائىر سوئالىمىزغا بولسا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەرگە خىتاي نوپۇسى يۆتكەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى يېتىم قالدۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكەن. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارغا قارشى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭ «جىددىي ئىنكاس» قايتۇرۇش دېگەندە نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى سورىغاندا دىلشات رىشىت، تىنچ ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىشكە بولىدىغان بارلىق ۋاستىلار، دەپ كۆرسەتتى. دىلشات رىشىت بۇ سۆزلەرنى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزگەن «ئاخبارات ئەركىنلىك ۋە ئاخبارات قوراللىرىنى ئەركىنلىك ئۈچۈن قانداق قوللىنىش» توغرىسىدىكى بىر كۈنلۈك يىغىنىغا قاتنىشىۋېتىپ، يىغىننىڭ تەنەپپۇس ئارىلىقىدا رادىئومىزغا ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.