د ئۇ ق گۇەنتانامودىكى يەنە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا خىتاينىڭ بىلدۈرگەن نارازىلىقىنى تەنقىد قىلدى
2012.04.26

2006-يىلى كۇبانىڭ گۇەنتانامو ئارىلىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا قامالغان ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى تۈركۈمدىكى 5 كىشى ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلار ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ 6 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئارالدا قالغان تۈركۈمدىكى ئاخىرقى 5 كىشىدىن ئىككىسى يېقىندا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئەل-سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئەل-سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئابدۇراق ۋە خاماد مەمەت گۇەنتانامودىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 5-تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتىگە ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ قالماي، ئۇلارنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. خىتاي بۇ قېتىممۇ خامماد مەمەت ۋە ئابدۇرازاق مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا يەنە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئەل-سالۋادورنى ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق، «گۇناھسىز» دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، بىراق 10 يىلدىن بۇيان مەزكۇر ئارالدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇلغان بۇ ئىككى كىشىنى 3-دۆلەتكە يولغا سالغان ئامېرىكىدىن خاتالىقىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنى قوبۇل قىلغان ئەل-سالۋادورنى بولسا بۇ كىشىلەرنىڭ «خەتەرلىك شەخسلەر» ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىن مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ بۇ گۇماندارلارنى ئەل-سالۋادورغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە ئۆزىنىڭ پىكرىنى بىلدۈردى. بىز ئامېرىكا تەرەپنى خاتالىقىنى تۈزىتىشكە چاقىرىمىز. ئەل-سالۋادورنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ خەتەرلىك شەخسلەر ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى....شۇنداقلا ئۇلارنى رەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دېگەن.
گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇەنتانامودىكى تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى ئىسپاتلىنىپ ئاقلانغان باشقا تۇتقۇنلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى رەت قىلغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى كۆپ قېتىملىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئەگەر ئۇلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئادىل سوتلانمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تەن جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.
ليۇ ۋېيمىن خاماد مەمەت، ئابدۇرازاق قاتارلىق بۇ كىشىلەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ ب د ت ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ليۇ ۋېيمىننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ب د ت نىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» توغرىسىدا چىقارغان قارارىغا ئاساسەن ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر بۇ كىشىلەرگە پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.
بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ پىكرى د ئۇ ق نىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر رەھبىرى ۋە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خادىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ليۇ ۋېيمننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى رەت قىلدى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇقنى ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىمدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان كوزىر قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەمكارلىققا چاقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي بىلەن دېموكراتىك ئەللەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى جەمئىيەتلەر ئارىسىدا تېررورلۇققا قانداق تەبىر بېرىش، تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان شەخسلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە نېگىزلىك ئىختىلاپ پەيدا بولغان.
ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ئۆلچىمىدە دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارشى ياكى ئۇنىڭغا مۇداخىلە قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلغان. رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش توغرىسىدىكى ب د ت ئۆلچەملىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆز ئالدىغا تېررورلۇق ئۆلچىمى بېكىتىپ چىققانلىقى ۋە قوشنا ئەللەرنى ئۆزى بېكىتىۋالغان بۇ ئۆلچەمنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە خاماد مەمەت ۋە ئابدۇراقلاردىن كېيىن، گۇەنتانامودا ئاخىرقى تۈركۈمدىكى 3 كىشى قالغان. بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئىككى ئۇيغۇر ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونلۇق فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ 2008-يىلى 7-ئۆكتەبىر چىقارغان قارارىغا ئاساسەن ئەل-سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونلۇق فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى رىكاردو ئۇربىنا 2008-يىلى 7-ئۆكتەبىر چىقارغان قارارىدا ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۇيرۇغان ئىدى. بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، سوتچى ئۇربىنانىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. فېدېراتسىيە ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 2009-يىلى 2-ئايدا سوتچى ئۇربىنانىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇقى يوقلۇقى، بۇ پەقەت پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
گەرچە كېيىنرەك ئاق ساراينىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى گرەگ كرېيگ، بەزى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق بۇ پىلان دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراپ، پرېزىدېنت ئوباما بۇ پىلاندىن ۋاز كەچكەن ئىدى. فېدېراتسىيە ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدىن كېيىن، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. بىراق ئوباما ھۆكۈمىتى ئالىي سوت مەھكىمىسى ئەرزنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى كۆرۈپ چىقىشتىن بۇرۇن، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، 2009-يىلى 4 كىشىنى بېرمۇداغا، 6 كىشىنى پالاۋغا، 2010-يىلى ئايدا ئىككى كىشىنى شۋېتسارىيىگە ئورۇنلاشتۇرغان. ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى 2011-يىلى 4-ئايدا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لېيتنانت پولكوۋنىك تود برېسېل، يېقىندا ئېلان قىلغان خاماد مەمەت بىلەن ئابدۇرازاقنىڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى باياناتىدا، «ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئاخىرقى تۈركۈمدىكى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدە داۋاملىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.