دۇنيا ئەللىرى ھازىر خايتىنى قۇتقۇزۇشتا داۋالاشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ

خايتىدا 12‏ - يانۋار كۈنى 7 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، دۇنيا ئەللىرى خايتىدا ئادەم قۇتقۇزۇشقا باشلىغان ئىدى. يەر تەۋرەپ 8‏ - كۈن ئۆتكەندە تۇرالغۇ تېگىدە كۆمۈلۈپ قېلىپ تېخىچە ھايات تۇرۇۋاتقان 69 ياشلىق بىر ئايال قۇتقۇزۇۋېلىندى، 10‏ - كۈنى 8 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا قۇتقۇزۇۋېلىندى، 11‏ - كۈنى 24 ياشلىق بىر ئەر قۇتقۇزۇۋېلىندى، بۇ بىر مۆجىزە ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.01.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Hatida-bulang-talang-herkiti-kopeygen-305.jpg 17 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ، ﻫﺎﻳﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻫﺎﻳﭙﻮﻻﻳﺖ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘﻻﯓ - ﺗﺎﻻﯓ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺋﻮﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﺎﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺷﯘ ﺑﯘﻻﯓ - ﺗﺎﻻﯓ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئەمدى بۈگۈنگە قەدەر 14 كۈن ئۆتكەندە، خارابىلىقلاردا ھايات تۇرۇۋاتقان ئادەم بارلىقدىن ئۈمىد ئۈزۈلدى، دۇنيا ئەللىرىنىڭ خايتىغا بېرىدىغان يارىدىمى ھازىر داۋلاشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ.

خايتى كارىب ئاراللىرىدىكى بىر كىچىك دۆلەت. نوپۇسى 9 مليونغا يېقىن، يەر كۆلۈمى 27 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇقراق. يەر تۈزۈلۈشى تاغلىق - دۆڭلۈك. بۇ دۆلەت 1841‏ - يىلى تۇنجى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. خايتى خەلقى 1957‏ - يىلىدىن 1986‏ - يىلىغىچە مۇستەبىت تۈزۈمدە تۇرۇپ نامراتلاشقان، ئۇ ھازىر لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خايتىدا 12‏ - يانۋار كۈنى 7 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئەڭ تېز يېتىپ بارغان س ن ن قاتارلىق خەلقئارا ئۇچۇر ۋاستىلىرى نەق مەيداندىن بەرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، خايتىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئېلېكتىر، سۇ تەمىنات لېنىيىسى قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ، ھەتتا بۇ دۆلەتتىكى پرېزىدېنت سارىيى، باش مىنىستىر مەھكىمىسى، پارلامېنت بىناسىمۇ ئۆرۈلۈپ، بانكىلار، سودا سارايلىرى ئىشتىن چىقىپ، پۈتۈن دۆلەت پالەچ بولغان. يەر تەۋرەشتە ھايات قالغان خەلق ئۆزلىرىنى ياكى ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ۋە ئىزدەشكە كىرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا پەقەت سۈنئى ھەمراھ ئارقىلىقلا بۇ دۆلەتتىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرالىغان ئىدى.

ئادەم قۇتقۇزۇشتا يارىتىلغان مۆجىزە

دۇنيا ئەللىرى نەق مەيداندىن بەرگەن كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن خايتىغا ھاۋا ئارقىلىق ياردەم كەلدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنلا، دۇنيا ئەللىرىنىڭ خايتىغا بېرىدىغان يارىدىمىنىڭ ئاساسىي نوقتىسى ئادەم قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. دۇنيا ئەللىرى خايتىدا ئادەم قۇتقۇزۇشتا مۆجىزە ياراتتى.

يەر تەۋرەپ 8 كۈن ئۆتكەندە، تورالغۇ تېگىدە تېخىچە ھايات تۇرۇۋاتقان 69 ياشلىق بىر ئايال قۇتقۇزۇۋېلىندى. 10‏ - كۈنى 8 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا قۇتقۇزۇۋېلىندى. 11‏ - كۈنى يەنە 24 ياشلىق بىر ئەر قۇتقۇزۇۋېلىندى. بۇ، مۆجىزە ئىدى.

ھازىر دەپنە قىلىنغان ئادەم سانى 150 مىڭدىن ئاشىدۇ، يارىدارلارنىڭ سانى 200 مىڭغا يېتىدۇ، دەپ تەخمىنلەنمەكتە

خايتىدا يەر تەۋرەپ بۈگۈنگە قەدەر 14 كۈن ئۆتكەندە، ئەمدى خارابىلىقلاردا ھايات قالغان ئادەم بارلىقىدىن ئۈمىد ئۈزۈلدى. گەرچە ھازىرغا قەدەر جەملەنگەن تۇلۇق ئىستاتىستىكا بولمىسىمۇ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خايتىدا ھازىر، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە دەپنە قىلىنغان ئادەم سانى 150 مىڭدىن ئاشىدۇ، يارىدارلارنىڭ سانى 200 مىڭغا يېتىدۇ، دەپ تەخمىنلەنمەكتە.

دۇنيا ئەللىرىنىڭ خايتىغا بېرىدىغان ياردىمى ھازىر داۋالاشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ

دەسلەپتە قۇتقۇزۇلغان يارىدارلارنى، دوختۇرخانا بولمىغان ۋە دورا، ئەسلىھە كام بولغان شارائىتتا ياكى كوچىلاردا ئوچۇقچىلىقتا مىكروپتىن خالى بولغىلى بولمايدىغان شارائىتتا، داۋالاش - قۇتقۇزۇش خەتەرلىك ئىدى. بۇ ۋاقىتتا، قۇتقۇزۇلغان يارىدارلارنى ئامېرىكىنىڭ تىك ئۇچارلىرى ئېلىپ كېتىپ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوت دوختۇرخانىلىرىدا داۋالاشقا باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يارىدارلار تەدرىجى ھالدا، دۇنيا ئەللىرىنىڭ قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ ئاپتوموبىل دوختۇرخانىلىرى ياكى كەپە دوختۇرخانىلىرىدا داۋالىنىشقا باشلىدى.

ھازىر خايتىدا ھاۋا قاتنىشى بارغانسېرى كېڭەيتىلىپ، خايتى ئايرودرومىغا كېلىپ - كېتىدىغان ئايروپىلان سانى يۈزگە يېتىدىغان بولدى. تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ پۇل ۋە يېمەك ياردەملىرى خايتىغا يېتىپ كېلىشكە باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ 250 كىشىلىك داۋالاش ئەترىتى كەلدى. دۇنيا ئەللىرىنىڭ خايتىغا بېرىدىغان ياردىمى ھازىر داۋالاشنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خايتىدا ھازىر يارىدارلارنى داۋالاشتا، چېگرىسىز داۋالاش ئەترىتى دەپ ئاتالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ جەم بولغان پىدائىيلارنىڭ ھەرىكىتى ئەڭ تېز، قازىنىۋاتقان ئۈنۈم ئەڭ چوڭ بولىۋاتىدۇ.

دۇنيادا خايتى يېتىملىرىنى بېقىۋېلىش قانات يايدى

بىر مۇنچە دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ھازىر، خايتى يېتىملىرىنى بېقىۋېلىش قانات يايدى. ماكانسىز، تايانچىسىز قالغان خايتىلىقلارنى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەپ كېلىشكە رۇخسەت قىلدى.

بۈگۈن تەيۋەننىڭ داۋالاش ئەترىتى خايتىدا دوختۇرخانا ئاچتى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ دورا ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرى يۈكلىگەن ك - 130 بەلگىلىك يۈكچى ئايروپىلانى بۈگۈن دومىنىكا ئارقىلىق، بىر داۋالاش ئەترىتىنى ئېلىپ خايتىغا يېتىپ كەلدى. تەيۋەننىڭ بۇ داۋالاش ئەترىتى تەيۋەننىڭ خايتىدىكى ئەلچىخانىسىغا ئورۇنلىشىپ، دوختۇرخانا ئېچىپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇشنى دەرھال باشلىۋەتتى.

خىتاي داۋالاش ئەترىتى ئادەم قۇتقۇزۇۋاتقان بىرەر كۆرۈنۈش يوق، ئەمما قىزىل بايراق لەپىلدەتكەن كۆرۈنۈش كۆپ

خايتىدا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۇنيا ئەللىرى كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلىرىدە، خايتىغا ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن ئۆز خەلقىغە ئاڭلىتىۋاتىدۇ ۋە كۆرسۈتىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى بولسا، دەسلەپتە خىتاي دائىرىلىرى 'جوڭگو ئۆزىنىڭ خىتايلىرىنىلا قۇتقازدى، دېگەن گەپ توغرا ئەمەس' دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ئەۋەتكەن داۋالاش ئەترىتىنىڭ بىرەر خايتىلىقنى قۇتقۇزىۋالغان كۆرۈنۈشنى نەخ مەيداندىن كۆرسۈتۈپ باقمىدى، ئەمما ساپلا قىزىل بايراق لەپىلدەتكەنلىكىنىلا كۆرسۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇنداقلا يەنە 'خايتىدا ھازىر قۇتقۇزۇش - داۋالاش تولىمۇ تەرتىپسىز بولىۋاتىدۇ'، 'خايتىدا خەلق ئىچىدە بۇلاڭچىلىق ۋە توپىلاڭ يۈز بېرىۋاتىدۇ'، ئامېرىكا ھازىر خايتىنى ئىشغال قىلىۋاتامدۇ - نېمە' دېگەن مەۋزۇلاردا خەۋەر بېرىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ پاكىتىنى كۆرسەتمەيدۇ.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى بۈگۈن يەنە، خىتاينىڭ بىر داۋالاش ئەترىتى خايتىغا يولغا چىقىش ئالدىدا، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرىدىن 'يوليۇرۇق' ئېلىۋاتقان بىر كۆرۈنۈشنى خەۋەر قىلدى، بۇ داۋالاش ئەترىتىنى 'خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيىدە قوراللانغان' دەپ تەسۋىرلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 26, 2010 04:39 PM

ﻫﺎﻳﺘﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﻳﺘﯩﻤﯘ ؟ ﺧﺎﻳﺘﻰ ﺩﯨﺴﻪ ﺧﯩﺘﺘﺎﻱ ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭘﺘﯩﻤﻪﻥ