مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەرەمدە ئىبادەت قىلىش ۋە ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەلسە، بەزى ئىنسانلار بۇ مۇقەددەس جايلارغا ئىبادەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى باشقا مەقسەتلەر بىلەن مەخسۇس ۋەزىپىلەر بىلەن كېلىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەج ئۆمەككە قوشۇلۇپ كەلگەن مەخسۇس كادىرلار بۇنىڭ مىسالى. مەخسۇس خىزمەتلەر بىلەن كېلىدىغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ سانى ھاجىلارنىڭ سانىغا يېتىپ قالغىلى ئاز قالىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ۋەزىپىسى بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ھاجىلارنى سىرتتىكىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق، ۋەتەندىكى ئەھۋاللارنى ھاجىلارنىڭ سىرتتىكىلەرگە ئېيتىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھاجىلارنى ئىزدەپ كەلگۈچىلەرنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىكەن.
ھاجىلارنىڭ ياتاق بىناسى ئالدىدىكى كۆزەتچىلەر
مەككىدە يەرلىشىپ قالغان بىر ئۇيغۇر ئانا ۋەتەندىن ھەجگە كەلگەن بىر تۇغقىنىنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش يولىدىكى قىيىنچىلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ بەردى: « ئۇيغۇر ھاجىلار مەككىنىڭ مەسفەلە ۋە كۇدەي رايونلىرىدىكى بىنالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىر بىنانىڭ ئالدىدا مەخسۇس كۆزەتچى كادىرلار ئولتۇرىدۇ، ھاجىلارنىڭ ياتاقلىرىغا سىرتتىن ھېچكىمنى كىرگۈزمەيدۇ. ھاجىلارنى ئىزدەپ كەلگۈچىلەر ياتاقنىڭ ئالدىدا كۆپرەك تۇرۇپ قالسا، ھېلىقى كادىرلار راھەتسىز بولىدۇ-دە، يا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن گەپ سورايدۇ ياكى ياتاققا قارايدىغان ئىشچىلارغا دەپ ئۇلارنى ياتاقنىڭ ئالدىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. مەن تۇغقىنىمنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ ياتىقىغا چىقالمىدىم، تۆۋەندە ناھايىتى ئۇزۇن كۈتۈپ كەتتىم، تۇغقىنىمنى چاقىرىپ قويۇشقا ۋەدە قىلىپ كىرىپ كەتكەن ھاجىلارنىڭ ھېچبىرىدىن جاۋاب چىقمىدى. سىرتتىن ياتاققا كىرىپ كېتىۋاتقان ھەر بىر ھاجىغا تۇغقىنىمنىڭ ئىسمىنى ۋە ياتاق نومىرىنى ئېيتىپ بەرسەممۇ ئۇلار چاقىرىپ قوياي دەپ كىرىپ كېتىدۇ، بىرىدىنمۇ جاۋاب چىقمايدۇ. كېيىن بىلسەم، ئۇ بىچارە ھاجىلار ياتاقتىكى ھاجىنى چاقىرىپ قويۇشتىن قورقىدىكەن، دەرۋازا ئالدىدا ئولتۇرغان كادىردىن قورقۇپ شۇنداق قىلغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ تۇغقىنىم بىلەن ياتاق ئالدىدا كۆرۈشەلمەستىن، ئۇ ھەرەمگە بېرىش ئۈچۈن سىرتقا چىققىنىدا ياتاقتىن يىراق جايدا كۆرۈشەلىدىم.»
ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ كىتاب ئېلىپ كېتىشى چەكلەندى
ئانا ۋەتەندە دىنىي ئەسەرلەر ئىنتايىن ئاز بولغانلىقى، بەلكى يوقلۇقى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەسەرلەرگە بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى زوردۇر. بۇنى ھەركىم ياخشى بىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بەزى دىنىي تەرجىمە ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ، خېلى يىللاردىن بېرى تارقىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ھاجىلار كۈچىنىڭ يېتىشىچە بۇ ئەسەرلەردىن ئېلىپ بېرىپ ھەر يىلى ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ. مەلۇمكى، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سىياسىي كىتابلار تارقىتىلمايدۇ، پەقەت دىنىي ئەرسەرلەرلا تارقىتىلىدۇ. بۇ دىنىي ئەسەرلەردە خىتايلار قورقۇپ كەتكىدەك ھېچنەرسە بولمىسىمۇ، ئۇلار بۇ ئەسەرلەردىن قاتتىق ھەزەر قىلىدىكەن. ھەر يىلى ئۇيغۇر ھاجىلار تىقىشتۇرۇپ بولسىمۇ بەزى دىنىي ئەسەرلەرنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېتەتتى. بۇ يىل ئەھۋال باشقىچىرەك بولغان. ئۇيغۇر ھەج ئۆمىكى تەركىبىدە ھەجگە كەلگەن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھاجىم مۇنداق دېدى:« قۇرئاننىڭ تەپسىرى، ھەدىس شەرھى ۋە ئىسلام ئەدەبلىرى دېگەندەك بەزى دىنىي كىتابلار ھەقسىز تارقىتىلغان ئىكەن. بىز بۇ كىتابلاردىن بىر نۇسخىدىنلا ئېلىپ ياتاققا كېلىۋاتاتتۇق، ياتاقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرغان كادىر سومكىمىزنى ئاچقۇزۇپ ھېلىقى كىتابلارنى تارتىۋالدى ۋە ياتاققا كىتاب ئېلىپ كىرمەسلىكنى جېكىلىدى. بەزى ھاجىلىرىمىز چاندۇرماي قوينىغا تىقىپ ئەكىرەلىدى. ئەمما، مەن ئۇنچىۋالا ئاختۇرىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، سومكامدىكى كىتابلارنى تارتىۋالدى. بۇنداق ئەھۋال ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئۆمەك باشلىقلىرىمىز قۇرئاندىن باشقا ھېچقانداق كىتاپ ئالماسلىقىمىزنى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ھەرگىز كۆرۈشمەسلىكىمىزنى جېكىلەيدۇ.»