يەمەنلەر ھاكىمىيەتنى تىنچلىق بىلەن يۆتكەش ئۈچۈن تىرىشماقتا

يەمەندە رەئىس ئابدۇللا سالىھ ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش باشلانغانغا بىر قانچە ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەمەندىكى نامايىشچىلارنىڭ تەلىپى ئەمەلگە ئېشىپ بولالمىغان.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى كۈنلەردە يەمەنلىكلەر ھاكىمىيەتنى تىنچلىق بىلەن ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ قولىدىن ئېلىش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلماقتا ئىكەن.

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، يەمەن خەلقىنىڭ كۆپ سانلىقى پېقىرلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرىدىكەن، يەمەننىڭ تەبىئىي بايلىقى ۋە ئاز تولا پەن-تېخنىكىسى بار تۇرۇپ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھازىرغىچە ياخشىلىنىپ كېتەلمىگەنلىكى پەقەت 34 يىلدىن بىرى ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولۇپ كەلگەن ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ نەتىجە قازىنالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن.

تۇنىس بىلەن مىسىردا نامايىش پارتلىشى بىلەن تەڭلا يەمەندە ئومۇميۈزلۈك خەلق نامايىشى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەمەندىكى ئاساسلىق كۈچلەر يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قول ئاستىدا بولغانلىقىدىن، ئىش بۇنچىلىك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. چۈنكى يەمەننىڭ ساقچى ئورگىنى، دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسى ۋە ئارمىيە قوماندانلىقىنىڭ ھەممىسى يەمەن رەئىسنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ قولىدا ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل بىلاد» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 23-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەن رەئىسى ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىياد شەھىرىدىكى مەخسۇس دوختۇرخانىدا داۋالىنىشىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ پات ئارىدا يەمەنگە قايتمايدىكەن.

يەنە باشقا خەۋەرلەرگە كۆرە، ھازىر ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ يەمەندىكى ئىشلار بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، ھەتتا يەمەننىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتكەن، پەقەت ئونىڭ يانداشلىرىلا ھاكىمىيەتنى ساقلاپ تۇرماقتا ئىكەن.

يەمەنلەر ھاكىمىيەتنى تىنچلىق يولى بىلەن يۆتكەش يولىدا

مىسىرنىڭ «ئەل ئېھرام» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 23-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىگە كۆرە، ھازىر يەمەندىكى بارلىق سىياسىي كۈچلەر بىر ئارىغا كېلىپ، يەمەن ھاكىمىيىتىنى خەلقنىڭ قولىغا تىنچلىق يولى بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇزاكىرىسىنى قىلماقتا ئىكەن.

يەمەن سىياسىي كۈچلىرى ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ ئادەملىرىنىمۇ قاتناشتۇرغان ھالدا چوڭ يىغىن چاقىرغان. يىغىندا ئۇلار ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ مۇندىن كېيىن، ھاكىمىيەت تۇتۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرىدىغان شەخسنى تەيىنلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەمەن رەئىسى قايتىپ كەلمەيدۇ

يەمەن سىياسىيلاردىن ئابدۇرەقىب مەنسۇر مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىن مىسىر تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: يەمەندىكى ئاساسلىق كۈچ يەمەن ئارمىيىسى بولۇپ، ئارمىيە 1962-يىلىدىن بېرى يەمەنگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلمەكتە.

2011-يىلى 11-فېۋرال كۈنى يەمەندە ياشلارنىڭ تىنچلىق نامايىشى باشلانغاندىن بىرى ئارمىيە سېپىدىن نامايىشچىلارغا قوشۇلۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس. بولۇپمۇ 21-فېۋرال كۈنى نامايىشچىلار تەرىپىگە ئۆتكەن ھەربىي قوماندانلار كۆپ.

ھازىرغىچە بۇ قوشۇلۇش داۋام قىلماقتا. دېمەك، ئارمىيە نامايىشچىلارنى چوقۇم قوللايدۇ، ئۇلار ئىلگىرى يا كېيىن بولۇپ چوقۇم نامايىشچىلارغا قوشۇلىدۇ. ھازىر ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن يانداشلىرىدىن باشقا ھەممىسى خەلق تەرەپكە ئۆتۈپ بولغان. ئەمدى ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئەپسۇسكى، 3-ئىيۇن كۈنى ئېلى ئابدۇللا سالىھ ھۇجۇمغا ئۇچراش سەۋەبلىك يارىلىنىپ، يەمەندىن چىقىپ كەتكىنىدىن بېرى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى 25 مىليون يەمەن خەلقىنىڭ ھېچقايسىسى بىلمەيدۇ. ئۇنى ياشاۋاتىدۇ، يېقىندا قايتىپ كېلىدۇ، دېگەن خەۋەرلەرنىلا ئاڭلاۋاتىدۇ.

ھازىرغىچە يەمەن رەئىسىنىڭ ساقلىق ئەھۋالى توغرىسىدا بىرەر بايانات ئېلان قىلىنمىغان. ھەتتا رەئىسنىڭ ساقلىقىنى ئىسپاتلاپ ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلىتىلمىغان. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، يەمەن رەئىسى مۇندىن كېيىن يەمەنگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت تۇتقۇدەك ماجالى يوق. شۇڭا يەمەنلەر ھاكىمىيەتنى تىنچلىق يولى بىلەن تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن يەمەندە مۇزاكىرىسىنى داۋام قىلدۇرماقتا.