ھالال - ھارام ۋە مال بوغۇزلاش

ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام :"پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر" دەپ كۆرسەتكەن. ئادەمنىڭ دىلى پاك، كۆڭلى يورۇق، تېنى ساغلام، ئەقلى ئۆتكۈر، خاتىرىسى كۈچلۈك بولىشى ئۈچۈن چوقۇم پاكىزلىققا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى، پاكىزلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن بولىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئادەم بەدىنىگە كۈچ - قۇۋۋەت، ھاياتى ئوزۇق بولىدىغان يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.

0:00 / 0:00

ھالال - ھارام پەرقلىرى

مۇسۇلمانلاردا يېمەك - ئىچمەكلەر ھالال - ھارام دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. يېمەك - ئىچمەك ئوزۇقلاردىن پاكىز، تەمى، پۇرىقى ياخشى، ئىنسان تەبىئىتىگە ياقىدىغان، ئوزۇقلانسا مەنپەئەت قىلىدىغان، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان، زىيانسىز يېمەكلىكلەر ھالال، ئەكسىچە، پاسكىنا، ناپاك، ئادەمگە بىئاراملىق ئېلىپ كېلىدىغان، مەست قىلىدىغان، بەتبۇي، پايدىسىز، سالامەتلىككە زىيان قىلىدىغان يېمەكلىكلەر ھارام ھېسابلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكەرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلكەرىم ھاجىم ھالال - ھارام ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر ھالال بىلەن ھارامنىڭ پەرقىنى ئايرىپ بەرگەن. بەقەرە سۈرىسىدە:" ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار" دەپ كۆرسەتكەن. ھايۋانلارنىڭ گۆشى توغرۇلۇق مائىدە سۈرىسىدە :" سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، ھايۋانلار (تەرىپىدىن ئۈسۈپ) ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋان (نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ." دەپ كۆرسەتكەن. گۆشى ھالال ھېسابلانغان ھايۋانلار تۈرلۈك سەۋەبتىن ئۆزى ئۆلسە ئۇنىڭ گۆشى ھارام بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆلۈشتە چوقۇم بىرەر كېسەل ياكى جان ئالغۇچى زەربىگە ئۇچرىغان بولىدۇ. كېسەل مىكروبلىرى، زىيانلىق باكتېرىيىلەر تەننى قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنداق گۆشنى يېگەندە كېسەلنىڭ مىكروبلىرى ئادەم بەدىنىگە زىيان سالىدۇ، ھەتتا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. قان ھارام. چۈنكى ئۇ پاكىز ئەمەس. قان تەركىبىدە ھەرخىل كېسەل مىكروبلىرى، باكتېرىيىلەر بولىدۇ. شۇڭا مالنى بوغۇزلىغاندا ئۇنىڭ قېنىنى تولۇق ئېقىتىۋېتىش لازىم. گۆشكە قاننى يۇقتۇرماسلىق، يۇققان ھالەتتە ئۇنى يۇيۇپ تازىلاش لازىم كېلىدۇ. شۇڭا مۇنداق گۆشنى يېيىش ھارامدۇر."

مال بوغۇزلاشنىڭ ئەدەپ - قائىدىلىرى

ئابدۇلكەرىم ھاجىم مال بۇغۇزلاشنىڭ ئەدەپ - قائىدىلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى:" مال بوغۇزلىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم: ئالدى بىلەن سويىدىغان مالنى سىيلاپ، سىپاپ، ئاستىراق يىقىتىپ، پۇتلىرىنى مەھكەم باغلاش كېرەك. بوغۇزلىنىدىغان مالنىڭ ئالدىنقى ئىككى پۇتى ئارىسىغا ئارقا سول پۇتىنى كىرىشتۈرۈپ باغلاپ، ئارقا ئوڭ پۇتىنى بوش قويۇش كېرەك. چۈنكى ھايۋان جان تالاشقاندا، ئۇنىڭ بوش قالغان پۇتى بىلەن قاتتىق تېپىدۇ، قاتتىق سىلكىنىشتىن تومۇرلىرىدىكى قان راۋانلىشىپ پاكىز ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ جېنى چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. مالنى قىبلىگە قارىتىپ، ئىتتىك پىچاق بىلەن"بىسمىللاھ" دەپ بوغۇزلاشقا، قىينىماستىن جېنىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. مالنى ئۇرۇپ، سۆرەپ، قاتتىق يىقىتىپ، گال پىچاق بىلەن قىيناپ بوغۇزلىغان ئادەم چوقۇم گۇناھكار بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:" كىمكى قۇشقاچتەك قۇشنى سويۇشتىمۇ ئۆز رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىدىغان بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن".

ئابدۇلكەرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، بازارلاردىن گۆش سېتىۋالغاندا، بۇ مالنىڭ مۇسۇلمان قاسساپ تەرىپىدىن بۇغۇزلانغانمۇ - يوق، قاچىلانغان گۆشلەرنى ئالغاندا، ئۇنىڭ "مۇسۇلمانچە" دېگەن ماركىسى بارمۇ - يوق، ئاشخانىدىن تاماق يېگەندە، مۇسۇلمان ئاشخانىسىمۇ - ئەمەسمۇ، بۇلارغا دىققەت قىلىش، ئېنىق بولمىسا ئالماسلىق، يېمەسلىك لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام" ھاراممۇ، ھالالمۇ ئېنىق ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك نەرسىلەر بار، كۆپ ئادەملەر بۇنى بىلمەيدۇ. كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەرگە چۈشۈپ قالسا، ھارامغا ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن" دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا ئىنسان يېمەك - ئىچمىكىنى ئىلغاپ، پاك، ھالال ۋە پاكىز نەرسىلەرنى يېيىشكە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈردۇر.