غۇلجا سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىدا: بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى 4 كۈن كېچىكتۈرۈلدى

ھامىلدار ئانا ئارزۇگۈل تۇرسۇنجاننىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە نورمال بولۇپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىشقا ھازىرلاندى.

0:00 / 0:00

بىز سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىنىڭ مەزكۇر ئوپىراتسىيىگە مەسئۇل دوختۇرىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق ۋە 6 ئايلىق ھامىلىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىنسانىي ئەخلاققا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېسىگە سالدۇق.

ليۇ دوختۇر ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشتى ۋە مەسئۇلىيەتنى ھامىلىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئارتتى، ئۇ، ھامىلىنىڭ دادىسى نۇرمەمەتنىڭ دوختۇرغا بالا ئالدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، بالا ئالدۇرۇش رازىمەنلىك خېتىگە قول قويغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھەتتا ئەگەر نۇرمەمەت ئائىلىسى بالا ئالدۇرۇشتىن ۋاز كەچسە، ئۆزىنىڭمۇ ئوپېراتسىيىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بىز نۇرمەمەتتىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ئۆزىنى يېزا ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەكەلگەنلىكىنى، بالا ئالدۇرۇش رازىمەنلىكى خېتىگىمۇ مەجبۇرىي قول قويدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما مەزكۇر خەۋەرنى ئاڭلىغان ئالاقىدار خەلقئارا جەمئىيەتلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. خەلقئارا جەمئىيەتلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئالدى بىلەن سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئوپېراتسىيىنى بىر قانچە كۈن كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورۇنلىرى بىلەن بۇ ھەقتە كۆرۈشۈپ تەكلىپ سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئوپىراتسىيە بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان تەقدىردە، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە ھەتتا خىتاينىڭ ب د ت دىن ئېلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت ياردەم پۇلىنىڭ توختىتىلىش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتتى.

سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى مەسۈمجان بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەردى.

پەيشەنبە كۈنى چۈشتە ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە ، دوختۇرلارنىڭ تېخى ئىككىلىنىش ئىچىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوپېراتسىيىنىڭ دۈشەنبە كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەمما كېچىكتۈرۈش قارارىنى دوختۇرخانا بەرگەنلىكى ياكى يېزا كادىرلىرىنىڭ بەرگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ھامىلدار ئانا ئارزۇگۈل تۇرسۇنجان نۆۋەتتە ھامىلىنىڭ يەنە 4 كۈن ھايات كاپالىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن، ئەمما دۈشەنبە كۈنىدىكى قاراردىن يەنىلا ئەندىشە ئىچىدە.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن بىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سمىت ئەپەندى بۈگۈن كەچ، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ۋە خىتاينى 6 ئايلىق ھامىلىنىڭ ھاياتىغا چاڭ سالماسلىققا ئۈندىگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ بۇ پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.