مەككىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھەج بەدەل تىجارىتىدىن ئۆرنەكلەر

مەككىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەج بەدەل تىجارىتى خۇددى مەرۋايىت تىجارىتىگە ئوخشاش، بەلكى مەرۋايىت سودىسىغا سېلىشتۇرغاندا ھەم دەسمايىسىز،ھەم جاپاسىز ھەم پايدىسى نەق بولۇپ ئېقىۋاتقان بىر تىجارەت بولۇپ قالماقتا. دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئاسان تىجارەت بولمىسا كېرەك.

0:00 / 0:00

ھەج بەدەل دېگەن ھەرەمگە بارالماي ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھايات بولسىمۇ ھەرەمگە بېرىشقا تەن سالامەتلىكى يار بەرمىگەن ئادەملەر ئۈچۈن ئىلگىرى ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلىپ بولغانلارنىڭ ھەج قىلىپ قويۇشى دېگەنلىكتۇر. ئەمما ھەج بەدەل ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا رەسمىي تىجارەتكە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، پەقەت پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەج بەدەل پۇلىنى يىغىپ باشقىلارغا ھەجنى ساتىدىغان ئەھۋاللار ئەۋج ئېلىپ كەتكەن.

ھەج بەدەل تىجارىتىنى قىلىدىغانلار ئومۇمەن ئەھلى ئىلىم قىياپىتىگە كىرىۋالغان، تەقۋالىق تونىنى كىيىۋالغان، تىلى تاتلىق، ئەمما پىكىر-خىيالى ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى قايىل قىلىپ، شۇلارنىڭ ئىشەنچىنى قازىنىپ، قوللىرىدىكى ھەج بەدەلگە ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن ئامېرىكا دوللارلىرىنى ئېلىۋالىدىغان قويمىچىلار بولۇپ، ئۇلار ھاجىلارنى ئىزدەپ بېرىپ پۇلىنى ئېلىشقا تىرىشىدۇ.

مەككىدە بولۇۋاتقان ھەج بەدەل تىجارىتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن دارۇلھەدىس بىلىمگاھىنىڭ تالىپى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ دىكتورى ياسىن ھاجىمغا بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ياسىن ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ياسىن ھاجىم مۇنداق دېدى: «ئىسلام دىنىدا ھەج بەدەل يولغا قويۇلغان. ئەمما ئۇنىڭ مەلۇم شەرتلىرى ۋە قائىدىلىرى بار. بۇنى بەزى ئادەملەر سۇيىئىستېمال قىلىپ ھەج بەدەل تىجارىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. مەككىدە تۇرىدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن بەزىلىرى ھەج بەدەل ئۈچۈن نۇرغۇن پۇلنى يىغىپ، ئۇنى باشقىلارغا ساتىدىغان ئەھۋاللار بار. بۇ خىل تىجارەت ئانا ۋەتەندىن تۇنجى قېتىم ھەجگە كەلگەن ئادەملەردىمۇ كۆرۈلمەكتە. ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ھاجىلاردىن ئۇ جايدىكىلەر تۇغقانلىرىمىزغا ھەج بەدەل قىلدۇرۇپ قويسىلا دەپ بەرگەن پۇلنىڭ يېرىمىنى ئۆزىگە ئېلىۋېلىپ، يېرىمىنى ئەڭ ئەرزان ھەج بەدەل قىلىمەن دېگەن، ئەمما ھەج قىلىش ياكى قىلماسلىقى مەلۇم بولمىغان ئادەملەرگە بېرىدىكەن. بۇ توغرا ئەمەس. ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىسىغا ياكى تۇغقانلىرىغا ھەج بەدەل قىلدۇرماقچى بولسا، پۇلنى ئىشەنچلىك ۋە دىيانەتلىك ئادەمگە بېرىپ قىلدۇرسا بولىدۇ. ئەمما ئەرزانغا قىلدۇرىمەن دەپ تەقۋالىقى، ھەجنى قىلىش ياكى قىلماسلىقى بىلەن كارى بولماي پۇلنى بېرىۋېتىش شەرىئەتتە دۇرۇس ئەمەس.»

بىر ئادەم بىرلا ئادەم ئۈچۈن ھەج بەدەل قىلالايدۇ

ياسىن ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:«بەزى ئادەملەر 4-5 ئادەمنىڭ ھەج بەدەل پۇلىنى مەن ھەج بەدەل قىلىمەن دەپ ئېلىۋالىدۇ. ھالبۇكى، بىر ئادەم بىرلا ئادەم ئۈچۈن ھەج بەدەل قىلالايدۇ. ئەمدى كۆپ ئادەمنىڭ پۇلىنى يىغقان ئادەم قانداق قىلىدۇ دېگەندە، ئۇ بېنگاللىق، ھىندىستانلىق ئىشچىلارنى ۋە ئافرىقىلىقلارنى تېپىپ ئۇلار بىلەن 200 ياكى 300 دوللار ئەتراپىدا ھەج بەدەل قىلىپ بېرىشكە كېلىشىدۇ-دە، 500 دوللاردىن يىغقان پۇلدىن 200 دوللاردىن بېرىپ قالغىنىنى يانچۇقىغا سالىدۇ. مۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەج قىلىشىغا ئىشەنگىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى ھەج بەدەلگە ۋەكىل قىلىنغان ئادەم ئاشقان پۇلنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى لازىم.»

ساۋابنى ئانا ۋەتەندىمۇ تاپقىلى بولىدۇ

ياسىن ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: «ھەج قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمگە ھەج بەدەل قىلدۇرۇشقا ھاجەت يوق. تىرىك تۇرۇپ ھەرەمگە بارالمىغان ئادەمگىمۇ ھەج بەدەل قىلدۇرۇشقا ھاجەت يوق. چۈنكى بۇلارغا ھەج پەرز ئەمەس. ھەرەمگە بارالىسا قىلسا بولىدۇ، بارالمىسا ئاللاھ ئۇنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. ئۆزى ساق تۇرۇپ ھەج بەدەل قىلدۇرغان كىشىنىڭ بۇ ھەجىسى قوبۇل بولمايدۇ. چۈنكى ئۆزى كېلىپ قىلالمىسا ئۇنىڭغا پەرز ئەمەس. ھەج بەدەلگە پۇل بەرگۈچىلەر ئەگەر بۇنىڭدا ساۋاب تېپىشنى كۆزدە تۇتقان بولسا، ئانا ۋەتەندە ساۋابنىڭ يوللىرى ناھايىتى كۆپ. ھازىر قىممەتچىلىك ۋاقتىدا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ قالغان ياكى ئوقۇشقا بارالمىغان بالىلارغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشىگە ھەسسە قوشۇش ھەج بەدەل قىلغاندىنمۇ كۆپ ساۋابلىق ئىشتۇر. مۇندىن باشقا ئانا ۋەتەندە ئىقتىساد بىلەن قىلىدىغان ئىبادەتلەر تولىمۇ كۆپ.»