خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا ئارىلىشىش چاقىرىقى كۈچىيىۋاتىدۇ

خەلقئارادا ئۇرۇمچى قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەيدىغان، ب د ت نىڭ قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىغان چاقىرىقلار كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەزىيىتىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىماي، ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى جىددىي ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكى، ئۈرۈمچىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئاققۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا كۆز يۇمغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

0:00 / 0:00

بۇ ئەھۋالدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى ئىتالىيىدىكى زىيارىتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ، سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشماي يۇرتىغا قايتقان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خۇ جىنتاۋنىڭ "نۆۋەتتىكى شىنجاڭ ۋەزىيىتى سەۋەبى" سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشماي دۆلىتىگە قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدە مىللىي توقۇنۇش يۈز بەرگەن مەزگىلدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت مىدۋىدېۋ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتىدا ئوباما بىلەن مىدۋىدىۋنىڭ سۆھبىتىدە ئۈرۈمچىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكى تەكىتلەنگەن. لېكىن رەھبەرلەرنىڭ نېمىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى بېرىلمىگەن.

رۇسىيە ئۈرۈمچى توقۇنۇشىدا يەنىلا رۇسيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى چىقىش قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا مەزكۇر ۋەقەدىكى پوزىتسىيىسىنى بىر ئاز جىددىيلەشتۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىم سەيشەنبە كۈنى توقۇنۇشتىكى تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ " ناھايىتى ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى" نى بىلدۈردى. بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " خىتاينىڭ غەربىدىكى زوراۋانلىقلاردا ئۆلگەن ۋە يارىدارلارغا دائىر خەۋەرلەر بىزنى ناھايىتى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن كلىنتون خانىم، "بىز ئەڭ ياخشى تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ، رايوندىن كەلگەن ۋەزىيەت ۋە دەلىل، ئىسپاتلارغا دائىر مەلۇماتلارنى توپلاۋاتىمىز. بىز توقۇنۇشتىكى پۈتۈن تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىمىز" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە "بىز بۇ رايوندا ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان بىر جىددىيچىلىك ۋە نارازىلىقنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. لېكىن ھازىرقى ئەڭ جىددىي مەسىلە زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشتۇر" دېدى.

"نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى " بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئۆرۈمچىنىڭ مىللىيلار ئولتۇراقلاشقان كوچا - كويلىرىدا ئۇيغۇر ياشلار توساقلارنى قۇرۇپ، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىگە قارشى مۇداپىئە كۆرۈۋاتقانلىقىغا دائىر رەسىملەرنى باستى. يەنە بەزى خەۋەرلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لەنجۇ ھەربىي رايونى قىسىملىرىنى ئۇيغۇر ئىلىگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى، بىڭتۈەننى قوراللاندۇرۇپ، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ مۇداپىئەسىز قالغانلىقىنى، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلىپىنى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن نامايىش جەريانىدىكى باياناتىدا ئەسكەرتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا خەلقئارا جەمئىيەت توقۇنۇشتىكى تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە، ۋەقەگە قاتناشقانلارنى قانداق جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى لى جى "ۋەقەدە قەبىھ ۋااستىلار بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ" دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەيلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فرانك ۋولف سەيشەنبە كۈنى ھېللارى كلىنتونغا خەت يېزىپ، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەقەللى ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ۋولف مۇنداق دەيدۇ": مەن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن شۇنداقلا سىزنى بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىرىمەن." فرانك ۋولف، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك خادىم ئاجرىتىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يۇقىرى سەۋىيىدە ئېنىقلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەلقئارا جەمئىيەت ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ھەم ئەڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ بىرىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان "ۋەھشىلىك دەرىجىسىگە يېتىپ بارغان بۇ ۋەقەلەر"گە تېز ئارىدا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ،" كۈنلەردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ۋەقەلەرنى قايغۇ، ئەندىشە ۋە ئازاپ بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز" دىگەن. تۈركىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى ئەزاسى.

ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى مەتبۇئاتلار بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەر تارقىتىپ، توقۇنۇشنى ئۇلغايتىۋېتىش بىلەن ئەيىبلەندى.

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن": خىتاينىڭ ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى مەتبۇئاتلار ئۇيغۇرلار بىلەن ھۆكۈمران خىتايلار ئارىسىدىكى ئەجەللىك توقۇنۇشنى ئۇلغايتىشنى توختىتىشى كېرەك.

مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى 'تېررورچىلار' دەپ كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سۈيقەستنى تەشەببۇس قىلىش - ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىقا چاقىرىشنى توختىتىشى لازىم. بۇ شىنجاڭ مىقياسىدىكى مىللىي توقۇنۇشنىڭ ئۈستىگە ياغ چاچقانلىقتۇر."