ئالماتادا پېشقەدەم مائارىپچى ھېنىپاخۇن باراتوفنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

12-دېكابىر كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان "نۇرلى" كافېخانىسىدا مەشھۇر مائارىپچى، پېشقەدەم ئۇستاز ھېنىپاخۇن باراتوفنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئون يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققان قەھرىمان ئامېتوف، ئۆمەرجان زايىتوف، رابىلەم مەخسۈتوۋا، زېرىپ مولۇتوف، شاۋكەت ئۆمەروف قاتارلىق زىيالىيلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرى باراتوفنىڭ ئۆمۈر بايانى، ئىش-پائالىيىتى توغرىلىق ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بىلدۈردى.