ھەرەمدە ئۇيغۇر ھاجىلارغا تارقىتىلغان تەپسىر كىتاب يىغىۋېلىندى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار كىتاب نەشر قىلىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر ساھەدە كىتابلار يېزىپ ياكى تەرجىمە قىلىپ تارقاتماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىدە دىنىي ساۋاتلار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنىنى توغرا ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

بۇ خىل كىتابلاردىن بىرى ىسەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھازىرغىچە 22 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان تەپسىر كىتاب بولۇپ، ئۇيغۇرچىسى بۇ يىل ھەجگە كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن. كىتاب تارقىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ قولىدىن يىغىۋېلىنغان.

بۇ كىتابنى چەتئەلدىكى ياش ئۇيغۇرلار تەييارلىغان بولۇپ، كىتاب ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان، بىرىنچى قىسمىدا قۇرئاننىڭ تەپسىرى، ئىككىنچى قىسمىدا بولسا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر يەنى روزى تۇتۇش، ئۆشرە - زاكات بېرىش، ناماز قىلىشقا ئوخشاش ئىبادەت تۈرلىرى تەپسىلىي ئاڭلىتىلغان ئىكەن.

22 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئەسەر، ئىككى يىل بۇرۇن خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تۇڭگانلارغا تارقىتىلغاندا، خىتايلار ھېچنەرسە دېمىگەن ئىكەن.

بۇ يىل 4000 ئەتراپىدا كىتاب ياقۇپخانراباتتا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغاندا ، دەسلەپتە ئۆمەك مەسئۇللىرى بىرنەرسە دېمەي كېيىن يىغىۋالغان. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن جىددە ئۇيغۇر رادىئوسىدا ئىشلەۋاتقان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەپەندى ۋە ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرياتىنىڭ ئىگىسى جېلىل تۇران ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.