پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھېيتلىق سوۋغىسىنى رەت قىلدى
2011.11.11
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى نىسبەتەن تۆۋەن ھالەتتىدۇر. شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ قېتىم ھېيت مەزگىلىدە، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئارقىلىق بەلگىلىك مىقداردا ھېيتلىق سوۋغا ئەۋەتكەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سوۋغا تارقاتماقچى بولغان.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەگىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيتتا ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان. ئەلچىخانا دەسلەپتە، ئەلچىخانىغا 100 ئۇيغۇرنى توپلاپ ھېيت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا ھېيتلىق پۇل تارقىتىشنى پىلانلىغان. لېكىن، راۋالپىندىدىكى خىتاي شېرىكلىرى، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا قۇربى يەتمىگەن. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەلچىخانىغا بېرىشنى ھەم سوۋغا قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. ئاخىرىدا مەزكۇر جەمئىيەت تەدبىرىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇلار جامائەتنى ئەلچىخانا ئورنىغا جەمئىيەت باشلىقىنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان. «ھېيتلىق پائالىيەت» ئورنىغا، پەقەت «ھېيتلىق پۇل تارقىتىش» نى تەشۋىق قىلغان. نەتىجىدە، ياشانغانلار ۋە ئاغرىق-سىلاقلار بولۇپ، پەقەت 15 كىشىنىلا يىغالىغان ھەم ئۇلار 600 دوللاردىن پۇل تارقىتىشقا ۋەدە بېرىپ، ئەمەلىيەتتە 100 دوللاردىن پۇل تارقاتقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى مەركىزى ئورگىنى، تۈركىيىدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە تۈركىيىدىكى بىر قىسىم تۈرك تەشكىلاتلىرىمۇ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق پۇل ۋە مال ئەۋەتكەن. بۇ ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى تەرىپىدىن تارقىتىلغان ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىنغان. بۇ ھېيتلىق خىراجەتتىن 300 گە يېقىن كىشى بەھرىمەن بولغان.
بىز خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پۇل تارقىتىش جەريانىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئەلچىخانىنىڭ پۇلىنى ئۇقۇشماستىن قوبۇل قىلغان ئالتۇنخان خانىم بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇقېيىم شەمشىدىن ئەپەندى، خىتاينىڭ ھېيتلىق سوۋغىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
يۇقىرىدا بىز سىلەرگە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن سۇنۇلغان، ھېيتلىق سوۋغىنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلاتتۇق.