ھىجاپلىق قىز: بۇ مېنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمنى يوقىتىشىغا بولغان قارشىلىقىم...

ئىسلام قائىدە يۈسۈنى بويىچە كىيىنىش، بېشىغا ياغلىق ئارتىش ياكى ھىجاپلىنىش، ئەسلى ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ئادەتتىكى ئىش.

0:00 / 0:00

ئەمما، دىنىي ئەركىنلىك چەكلەنگەن خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلام ئېتىقادىدىكى قىز-ئاياللار ئۈچۈن بولسا كۆپ بەدەل تۆلەيدىغان، جۈرئەت ۋە پىداكارلىق تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىپادە.

يېقىندا چەتئەلگە چىقىپ ئۆز ھېكايىسىنى ئەركىن سۆزلەشكە مۇيەسسەر بولغان 21 ياشلىق بىر ھىجاپلىق ئۇيغۇر قىزى بولسا، ئۆزىنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى ۋە بۇ يولدا تۆلىگەن بەدەللىرىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ئىپادىسى» دەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ياش ئۇيغۇر قىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغايسىز.