ھىندىستان باش مىنىستىرى ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سىڭنى دۆلەت زىيارىتى بېرىپ كۈتۈۋالدى. سىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. ھىندىستان، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت ھەمدە ئاسىيا قىتئەسىدىكى خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ رىقابەتچىسى.

0:00 / 0:00

ئۇنداقتا سىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى، ئامېرىكا- ھىندىستان، ئامېرىكا- پاكىستان ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىرى كۆرسىتىدۇ؟

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىڭنى ئاقسارايدا قوبۇل قىلدى ۋە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

بۇ ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىڭنىڭ ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئامېرىكا زىيارىتى بولۇپ، قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا باراك ئوباما ئامېرىكا- ھىندىستان دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، "سىزنىڭ بۇ تارىخى دەقىقىلەردە قىلغان زىيارىتىڭىز، دۆلەتلىرىمىز ئارىسىدا 60 يىل بۇرۇن تۈزۈلگەن مۇناسىۋەتلەرنى 21 ‏- ئەسىردىكى ئەڭ دەۋر بۆلگۈچ ھەمكارلىقلاردىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ كەلگۈسىنى شەرھلەيدۇ" دېدى.

ئۇ يەنە ھىندىستاننىڭ ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ ئامېرىكا بېسىپ ئۆتكەن تارىخى قەدەملەر بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنى " ئىككى ئەڭ بۈيۈك جۇمھۇرىيەت" دەپ ئاتىدى.

ئوباما يەنە مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان دۆلەتلىرىمىز، باشقا دۆلەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى بارلىق ئەللەرگە پارلاق كەلگۈسى يارىتىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان دۆلەتلەردۇر."

مانماخان سىڭمۇ نۇتقىدا ئۆزىنىڭ ھىندىستاندىكى بىر مىلياردتىن ئارتۇق ھىندىستان خەلقىنىڭ سالىمىنى ئېلىپ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، گەرچە ئامېرىكا ۋە ھىندىستان جۇغراپىيىلىك ئارىلىق جەھەتتىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى بىلەن جىپسىلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: " ئەمما بىز دېموكراتىيە قىممەت قارىشى، كۆپ مەدەنىيەتلىك دۆلەت تۈزۈمى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە نېگىزلىك كىشىلىك ئەركىنلىككە بولغان ھۆرمەتلەردىن ئىبارەت قىممەت قاراشلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ تۇرماقتىمىز."

ئۇ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا زىيارىتىدە، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى شۇ خىل قىممەت قاراشلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتە توختالغان تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاسىيا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئاسىيادىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ھاسىل قىلىشنى كۆزلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مانماخان سىڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا ئۇلار، مەزكۇر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ، يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش، يادرو قوراللىرى كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۇنيا خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى، خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش ۋە يەرشارى كىلىمات ئۆزگىرىش مەسىلىسى قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پرېزىدېنت ئوباما، ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان بىلەن تۈزۈلگەن يادرو ئېنېرگىيە كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: " ھۆكۈمىتىمىز، ئامېرىكا- ھىندىستان خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان يادرو كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، ھەر ئىككى دۆلەتتە خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدۇ."

ھىندىستان باش مىنىستىرى سىڭمۇ ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان باش مىنىستىرىمۇ بۇ نۆۋەتتىكى ئامېرىكا زىيارىتىدە يەنە، رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسىمۇ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتنى ئوباما، ھىندىستان باش مىنىستىرى بىلەن دۆلەت ھالقىغان تەھدىتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ئوباما ئوتكەن يىلى بومبايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: " شۇنداق ھۇجۇملارنىڭ يەنە يۈز بېرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئاخبارات توپلاش ئورگانلىرىمىزنى تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلاشتۇرۇشقا كېلىشتۇق. بۇلار ئۇچۇر-مەلۇماتلاردا ئورتاقلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ."

ئوباما يەنە، ھىندىستاننىڭ ئافغانىستانغا بېرىۋاتقان ئىقتىسادى ياردەملىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئوباما ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تالىبانغا قارشى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى: "بىز ئۇلارنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىنى پارچىلايمىز ۋە ئاخىرلاشتۇرىمىز ھەمدە ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ تورىنى بۇزۇپ تاشلايمىز."

ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا، ئافغانىستان ۋە رايون بىخەتەرلىكى جەھەتتە ھىندىستاننىڭ ياردىمىگە موھتاج بولغاندىن باشقا يەنە، ھىندىستانمۇ خىتاينىڭ ئاسىيادا كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان تەسىرى تۈپەيلىدىنمۇ ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە موھتاج ئىكەن.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانماخان سىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا زىيارىتىدە يەنە، ھىندستان-خىتاي چېگرا ئىختىلاپىنى ئوبامانىڭ سەمىگە سالغان.

ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە خىتاينىڭ ھىندى ئوكيانغا قاراپ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئامېرىكا يەنىلا ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن.

پرېزىدېنت ئوباما سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئاقسارايدا، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىڭنىڭ شەرىپىگە كاتتا دۆلەت زىياپىتى بەردى.