"قاراجۈلدىكى جەڭ" ناملىق ئەسەر نەشىرگە بېرىلدى (1)
2006.07.20
"شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى" نىڭ ھايات قالغان ئەزالىرىدىن بىرى بولغان شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمىنىڭ "قاراجۈلدىكى جەڭ" ناملىق ئەسىرى نەشىردىن چىقىپ، باسمىغا بېرىلدى.
"قاراجۈلدىكى جەڭ" دىن ئىبارەت بۇ تارىخى زور ۋەقەنىڭ كىتاپ شەكلىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئاپتور ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 60 - يىللاردا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ئەمەلىي پاكىت ۋە تارىخى ئىسپاتلار بىلەن تەپسىلى يورۇتۇپ بەرگەن.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، بۇ ۋەقەنىڭ ئىشتىراكچىسى ۋە ھايات قالغان بىردىن بىر شاھىدى ھېساپلىنىدىكەن. ئۇ ئۇزۇن يىللىق تېرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنى توپلاپ ۋە ۋەتەن ئىچىدىن كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئىگىلەپ، "قاراجۈلدىكى جەڭ" ناملىق ئەسىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. مەزكۇر ئەسەردە، "قاراجۈلدىكى جەڭ" نىڭ جەريانىدىن باشقا، مۇھىم تارىخى شەخىسلەرنىڭ ھايات كەچمىشلىرىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى 1969 - يىلى 8 - ئايدا يۈز بەرگەن "قاراجۈلدىكى جەڭ" ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، يەنى 1969 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، خىتاي ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەڭ مەيدانىدا شېھىد بولغان. ھايات قالغانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى 1984 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا ئېغىر بېسىملىرىغا ئۇچراپ كۆپ ئەزىيەت تارتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قايتىدىن قولغا ئېلىنىش خەۋپىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، 1995 - يىلى ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ تۈركىيىدە ئوقۇپ قايتقان بىر ئوغلى 1997 -يىلى "مىللىي بۆلگۈنچى" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان ۋە ھازىرغىچە قاماقتا ئىكەن. ئايالى، بالا چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ھەتتا تېلېفوندا سۆزلىشىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلىدىكەن. ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمىنىڭ ئائىلىسى "تېررورىستلار ئائىلىسى" دېگەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ھەققى، چەت`ئەللەرگە چىقىش ھەققى مەن`ئىي قىلىنغان. 64 ياشلىق بۇ پېشقەدەم ئىنقىلابچى ھازىر شۋېتسىيىدە يالغۇز ياشاۋاتقان بولۇپ، ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋە تارىخى تېمىلاردىكى يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان.
ئۇ ئۆزى بىلەن قوشقاندا، "شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى" نىڭ چەت`ئەللەردە ھايات قالغان ئەزالىرىدىن ئەخمەت ئىگەمبەردى ۋە ئابلىكىم باقى ئىلتەبىردىن ئىبارەت ئۈچلا كىشى بارلىقىنى، "قاراجۈلدىكى جەڭ" ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەشھۇر يازغۇچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ۋە پروففېسور سۇلتان مەھمۇد قەشقىرى ئەپەندىلەرنىڭ تەستىقىنى ئالغانلىقىنى سەمىمىزگە سالدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "دۇنيادا توقۇنۇش بولغان رايونلار" ناملىق كىتاپتا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلگەن
- "20 - ئەسىر ئۇيغۇرىستان نامايەندىلىرى" نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باتۇر ئەرشىدونۇفنى زىيارەت
- "مەخمۇت قەشقىرى" ناملىق تارىخى رومان تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى(2)
- "مەخمۇت قەشقىرى" ناملىق تارىخى رومان تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى(1)
- ئۇلۇغ ئەدىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىك ناملىق ئەسىرى تۈركىيىدە قايتا نەشر قىلىندى
- "ياۋروپادىن ئاسىياغىچە مەسىلىلىرى بولغان تۈرك رايونلىرى" ناملىق كىتاپ نەشىردىن چىقتى