120 يىللىق ئۇيغۇر مەكتىپىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇلدى


2006.10.11

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ بۆشۈكى، يېڭى مائارىپنىڭ ئانا ماكانى ئاتالغان ئېكىساق ھۆسەينىيە باشلانغۇچ مەكتىپى، 1885 - يىلى -10 ئايدا ئاكا ‏- ئۇكا مۇسابايىفلارنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىنىڭ ئېكىساق كەنتىدە قۇرۇلۇپ، ھازىرغا قەدەر 120 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ مەرىپەت مەشئىلىنى ئۆچۈرمەي كەلگەن.

ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۆشۈكى خىتايچىلاشتۇرۇلماقچى

ئېكىساق ھۆسەينىيە باشلانغۇچ مەكتىپى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا ئىسيانكار سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسى ھەمدە تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان خۇراپاتلىق، نادانلىق كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلغان، ھەم بۇ يولدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى مەكتەپ قۇرۇش ھەرىكىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ ھۇلىنى قۇرغان بۇ مەكتەپمۇ خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتى بىلەن پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇلماقچى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئېكىساق ھۆسەينىيە باشلانغۇچ مەكتىپىدە تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاپ خىتايچە دەرس ئۆتۈلۈۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلىدىن ئېتىبارەن ئاتۇش شەھىرىدىكى بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەييارلىق سىنىپتىن باشلاپ پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى قوش تىل مائارىپى نامىدا خىتايچىلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ يىل 2006 - يىلىدىن باشلاپ 2010 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باغچا مائارىپى ھەمدە تەييارلىق سىنىپ مائارىپىنىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇپ بولۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.

بىز خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئېكىساقتا ئومۇملىشىش ئەھۋاللىرى ھەمدە بۇ تارىخىي مەرىپەت يۇرتىدىكى ئاممىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاتۇشنىڭ ئېكىساق كەنتىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

ئېكىساقلىق بىر دېھقان بوۋاي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدا ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى.

ئانا – ئانىلار ئەندىشىدە، بىراق ماسلىشىشقا مەجبۇر

يېقىندا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋاللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى قەشقەردە قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلىپ "قوش تىللىق مائارىپنى باغچا مائارىپىدىن باشلاپ ئاساسىنى چىڭايتىپ ئېلىپ بېرىش كېرەك، جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوقۇم خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز شەرت، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا مەملىكەتكە ھەمدە دۇنياغا يۈزلىنەلەيمىز" دەپ تەكىتلىگەن. گەرچە ئۇ قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئانا تىل مائارىپىنىمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ھېچنىمە دېمىگەن.

ئېكىساقتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىدىن باشلاپ خىتايچە مائارىپنىڭ يولغا قويۇلۇشى گەرچە، ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىپ، ئاتا ‏- ئانىلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ماسلىشىشقا مەجبۇر بولماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ياش ئاتا، ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئانا تىلى ھەمدە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالالىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى پەقەت مىللىي مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش بويىچە ئەمەلىيلەشمەكتە. 120 يىللار مۇقەددەم ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ مەشئىلىنى ياققان ئېكىساقتىمۇ مائارىپنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك نارازىلىق ھەمدە ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.